خىتاي تاراتقۇلىرى ئەردوغاننىڭ سۆزلىرىدىكى خاتا تەرجىمىنى تۈزىتىشنى رەت قىلدى

خىتاي تاراتقۇلىرى ئەردوغاننىڭ سۆزلىرىدىكى خاتا تەرجىمىنى تۈزىتىشنى رەت قىلدى

تۈرك ۋاقتى تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، يېقىندا خىتاي زىيارىتىدە بولغان تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىب ئەردوغاننىڭ ئۇيغۇرلار ھەققدىكى سۆزلىرىنى خاتا تەرجىمە قىلغان خىتاي دائىرىلىرى خاتالىقنى تۈزىتىشنى رەت قىلغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، پىرېزىدېنت ئەردوغان زىيارەت جەريانىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختىلىپ: «شىنجاڭ(شەرقىي تۈركىستان) خەلقىنىڭ خاتىرجەم ۋە پاراۋانلىق ئىچىدە تىنچ-ئامان ياشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن سۆزى خىتاي تاراتقۇلىرىدا «خەلق بەختلىك ياشاۋاتىدۇ» دەپ خاتا تەرجىمە قىلىنغان.
ئالدىنقى ھەپتە تۈركىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى خىتاي دائىرىلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، بۇ خاتالىقنى تۈزىتىشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، خىتاي دائىرىلىرى تۈركىيە دېپلوماتلىرىنىڭ بۇ تەلىپىنى رەت قىلغان.
بۇندىن بۇرۇن خەلقئارا تاراتقۇلار ۋە شەخسلەر خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خاتا تەرجىمىسىگە ئاساسەن پىرېزىدېنت ئەردوغاننىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە تۇتقان پوزىتسىيەسىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان ئىدى.

بۇ خەۋەر 1201 قېتىم كۆرۈلدى
27/07/2019 09:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق