چىرا ناھىيەسىدە تۆت ئورۇندا جازا لاگېرى بارلىقى ئېنىقلاندى

چىرا ناھىيەسىدە تۆت ئورۇندا جازا لاگېرى بارلىقى ئېنىقلاندى

شىياۋ ۋىنجاڭ ئىسىملىك خىتاي پىدائىي گوگېل خەرىتىسى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن ۋىلايىتى چىرا ناھىيەسىدە تۆت ئورۇندا جازا لاگېرىنىڭ بارلىقىنى ئاشكارىلىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، چىرا ناھىيەسىدىكى جازا لاگېرى ۋە قاماقخانىدا 75 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر تۇتقۇندا ئىكەن. خىتاي دائىرىلىرى 2017-يىلى چىرا ناھىيەسى نوپۇسىنىڭ 150مىڭ ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، تۇتقۇندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ناھىيە ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ يېرىمىغا توغرا كېلىدىكەن.
جازا كېسىلىپ خىتاي ئۆلكىلىرىگە ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى باشقا تۈرمىلەگە يۆتكىۋېتىلگەنلەر، تۇتقۇندىكى بالىلار، ئۆلتۈرۈلگەن ۋە يوقاپ كەتكەنلەر، ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى نامىدا تۇتقۇن قىلىنىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ كېتىلگەرنىڭ سانى ئېنىق بولمىغاچقا، يۇقىرىقى سانغا ھازىرچە قوشۇپ ھېسابلانمىغان.
شياۋ ۋىنجاڭ ئىلگىرى پەقەت ئىككى جازا لاگېرىنىڭ ئورنىنىلا بېكىتكەن بولۇپ، قايتا تەكشۈرۈش ئارقىلىق مەزكۇر ئورۇننىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى قايتا دەلىللەش بىلەن بىرگە، لاگېرنىڭ كۆلىمى، لاگېردىكى كامېرلار ۋە تۇتقۇنلارنىڭ سانىنى قوشۇپ ھېسابلانغان:
1-، 2-سۈرەت شىياۋ ۋىنجاڭ ئاشكارىلىغان ئىككى جازا لاگېرىنىڭ ‌بىرىنچىسى بولۇپ، چىرا ناھىيە بازىرىدىن تۆت كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قۇملۇققا جايلاشقان، كۆلىمى 300 گېكتار بولۇپ، تەخمىنەن 1600 كامېر ۋە مەجبۇرى ئەمگەك قىلىش ئورنى بار.


3- ۋە 4-سۈرەتتىكىسى ئىككىنچى جازا لاگېرى بولۇپ، ناھىيە بازىرىدىن ئىككى كىلومېتىر كېلىدۇ. كۆلىمى 200 گېكتار بولۇپ، 1200 ئەتراپىدا كامېر بار.


5- ۋە 6-سۈرەتتىكىسى بىرىنچى قاماقخانا ناھىيە بازىرىدا ئەسلى بار بولغان كونا قاماقخانا بولۇپ، كۆلىمى25 گېكتار كېلىدۇ، جەمئىي 50كە يېقىن كامېر بار. تۆت يەردە كۆزىتىش مۇنارى بار.


7- ۋە 8-سۈرەتتىكىسى ئىككىنچى قاماقخانا بولۇپ، ناھىيە بازىرىدىن تۆت كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قۇملۇقتا سېلىنغان. بۇ قاماقخانا قۇياش نۇرى ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا يانداش سېلىنغان بولۇپ، كۆلىمى 200 گېكتار كېلىدۇ، 150 ئەتراپىدا كامېر بار. بۇ قاماقخانا ئىككى بۆلەككە ئايرىلغان بولۇپ، بىرىدە تۆت يەردە كۈزۈتۈش مۇنارى بار. يەنە بىرىنىڭ قۇرۇلۇشى پۆتۆش ئالدىدا ئىكەن.

 

 

 

 

 

بۇ خەۋەر 1743 قېتىم كۆرۈلدى
06/07/2019 19:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق