خوتەندىكى ئالتۇن يۇلتۇز سودا بىناسىنىڭ جازا لاگېرى قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

خوتەندىكى ئالتۇن يۇلتۇز سودا بىناسىنىڭ جازا لاگېرى قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان پىدائىيلار ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسىگە ئۇچۇر يوللاپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن شەھەر مەركىزىگە جايلاشقان ئالتۇن يۇلتۇز سودا بىناسىنىڭ جازا لاگېرى قىلىپ ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
پىدائىيلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، غوجىئابدۇللاھ ھاجىم ئىگىدارچىلىقىدىكى ئالتۇن يۇلتۇز سودا بىناسى تەخمىنەن 2000-يىللىرى سېلىنغان. بۇ بىنانىڭ بىر قىسمى ئۈچ قەۋەتلىك، بىر قىسمى تۆت قەۋەتلىك بولۇپ، خوتەن شەھەر مەركىزىدىكى چوڭ سودا بىنالىرىدىن بىرى ئىكەن. بۇ بىنا مۇھاجىرلار سودا بىناسى بىلەن رادىئو ئىدارىسىنىڭ سودا بىناسىغا تۇتاش سېلىنغان بولۇپ، ئىلگىرى بۇ بىنا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھىم تىجارەت مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان. مۇھاجىرلار سودا بىناسى بىلەن ئالتۇن يۇلتۇز سودا بىناسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا شەھەر قۇرۇلۇش ئىدارىسى بار بولۇپ، 1990-يىلى دۇكان قىلىپ سېلىنىپ، ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرگە سېتىۋېتىلگەن. بۇ دۇكانلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى سېتىلىش باھاسى 35000 يۈەن بولۇپ، ھەممىسىنى دېگۈدەك ئۇيغۇرلار سېتىۋالغان. 2013- ۋە 2014-يىللىرى ھەربىر دۇكاننىڭ بازار باھاسى ئۈچ مىليونغا چىققان. ئۇنىڭغا يانداش سېلىنغان ئالتۇن يۇلتۇز سودا بىناسى، مۇھاجىرلار سودا بىناسىدىكى دۇكانلارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئۇيغۇرلار سېتىۋالغان. بۇ سودا بازىرىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن 50 گېكتار ئەتراپىدا كېلىدىغان بولۇپ، ھازىر بۇ بازار پۈتۈنلەي بىكار قىلىنىپ، شەھەر مەركىزىدىكى جازا لاگېرىغا ئۆزگەرتىلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، 2018-يىلىنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ بۇ جايلار سىرتتىن قارىماققا بۇرۇنقى سودا بازىرى شەكىلدە، ئەمما ئىچىدە تۇتقۇنلار قامالغان جازا لاگېرىغا ئايلانغان. بۇ جازا لاگېرىنىڭ شەھەر مەركىزىگە بەرپا قىلىنىشتىكى سەۋەبنىڭ جەمئىيەتتە قالغان ئۇيغۇرلارنى ۋەھىمە ئىچىدە قالدۇرۇپ، روھىي جەھەتتىن جازالاش ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئۆز ۋاقتىدا جازا لاگېرى ئىچىدىكى تۇتقۇنلارنى سىرتتىكىلەر رىشاتكىلىق دەرۋازىدىن كۆرەلەيدىغان بولۇپ، بۇ بىناغا يانداش دوقمۇشتىكى خوتەن ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يۇرتى كوچا باشقارمىسى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.
ئۇندىن باشقا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى يەنە ئالتۇن يۇلتۇز سودا بازىرىدىكى 100 مېتىر ئېگىزلىكتىكى مىللىي ئۇسلۇبتا سېلىنغان ھەيۋەتلىك مۇنارنى بۇ يىل 6-ئاينىڭ 27-كۈنى چېقىپ تاشلىغان.

 

بۇ خەۋەر 1924 قېتىم كۆرۈلدى
06/07/2019 15:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق