مالايشىيا دىنىي ئىشلار مىنىستىرى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە تەنقىدكە ئۇچرىدى

مالايشىيا دىنىي ئىشلار مىنىستىرى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە تەنقىدكە ئۇچرىدى

مالايشىيا دىنىي ئىشلار مىنىستىرى مۇجاھىد يۈسۈف راۋا بۇندىن نەچچە كۈن بۇرۇن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن بىر ھەيئەت تەشكىللەپ زىيارەتكە بارغان بولۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن تەسىس قىلغان جازا لاگېرلىرىنى «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دەپ باھا بەرگەن.
پەراي ۋىلايىتىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى پ. راماسامىي «بۈگۈنكى مالايشىيا تورى»دا (malaysiakini) ماقالە ئېلان قىلىپ، مىنىستىر مۇجاھىدنىڭ بۇ قىلمىشىنى تەنقىد قىلغان.
ئۇ ماقالىدە مىنىستىرنىڭ جازا لاگېرلىرىنى «تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ سۈپەتلىگەنلىكىدىن تولىمۇ ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى، ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىغا ئوخشاش كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ تەنقىدىگىمۇ ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ مالايشىيانىڭ ئۇزۇندىن بېرى ئىسلام دۇنياسىدىكى مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشتە ئالدىنقى سەپتە تۇرۇپ كەلگەنلىكىنى، ئەمما مىنىستىر مۇجاھىدنىڭ يۇقىرىقى ھەرىكىتىنىڭ بۇ ھالەتكە بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، مالايشىيانىڭ مۇسۇلمانلارغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ سىياسىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك مەقسەتلەر تۈپەيلىدىن ئۆزگىرىپ قالغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئۇ ماقالىسىدە يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مىللىي ۋە دىنىي جەھەتتىن باستۇرۇپ، كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما پەلەستىن ۋە بېرمىدىكى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئاكتىپ ئاۋاز چىقارغان مالايشىيا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا كەلگەندە سۈكۈتنى تاللىغانلىقىنى، ھەتتا بۇرۇن مالايشىيادىن سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىپ، خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا خىتاي ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئىقتىسادىي ئالاقە ئورنىتىشنىڭ خاتا ئەمەسلىكىنى، ئەمما كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ كېتىشكە بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.

بۇ خەۋەر 2711 قېتىم كۆرۈلدى
29/06/2019 15:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق