ھىدايىتۇللا ئوغۇزخان مۇخبىرنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بەردى

ھىدايىتۇللا ئوغۇزخان مۇخبىرنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بەردى

 

28-ئىيۇن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى، قوشۇمچە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان تۈركىيە مىللىي گېزىتى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىنچىلىقلىرىنى تونۇشتۇردى ھەمدە مۇخبىرنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ھازىرقى ھالىتى ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بارلىق ئىبادەت ۋە مىللىي مەدەنىيەتلىرىگە چەكلىمە قويغانلىقىنى، بەش مىليوندىن ئارتۇق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى دىنىي ۋە مىللىي مەدەنىيىتى سەۋەبلىك جازا لاگېرىغا قامىغانلىقىنى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇنچىۋالا دەپسەندىچىلىككە يېتەرلىك ئىنكاس قايتۇرمىغانلىقى ئۈچۈن خىتاينىڭ بارغانسېرى ھەددىدىن ئاشقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ يەنە خىتاينىڭ ھازىر شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خىتاي بولۇشقا مەجبۇرلاپ، قىرغىن قىلىۋاتقانلىقىنى، يەنە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى دىندىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئائىلىلەرگە خىتايلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىشقا باشلىغانلىقىنى، ئاتا-ئانىسى لاگېرغا قامىلىپ، ئىگە-چاقىسىز قالغان بالىلارنىڭ مەجبۇرىي ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.
ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان يەنە مۇخىبرنىڭ «تۈركىيە ۋە بىر قىسىم ئىسلام ئەللىرىدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى قىلغان تەشكىلات ۋە شەخسلەرنى «غەرب ئەللىرىنىڭ خىزمەتچىلىرى» دەيدىغان تۆھمەتلەر بار، بۇنىڭغا نېمە دەيسىز؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، تۈركىيە ۋە ئىسلام ئەللىرىدىكى بىر قىسىم كىشلەر شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ئۆزىنىڭ ئىسلامىي قېرىنداشلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، غەرب ئەللىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئىنسانىي نۇقتىدىن كۆڭۈل بۆلۈشىنى مەنپەئەت سەۋەبىدىن دەپ قاراپ، ئۇيغۇرلارنى «غەرب ئەللىرىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتىدۇ» دەپ تۆھمەت قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ قاراش بويىچە تۈركىيە ۋە ئىسلام ئەللىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى غەرب ئەللىرىگە تاشلاپ قويماي، ئۆزلىرى ئىگە بولۇشى كېرەكلىكىنى، ھېچ بولمىغاندا مۇسۇلمان قېرىنداشلىرى تەرەپتە تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ مەيدانىنى بىلدۈرۈشى كېرەكلىكىنى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تەشكىلات ۋەكىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇستەقىل بىر تەكشۈرۈش ئۆمىكى تەشكىللەپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈشىنىڭ تولىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

 

بۇ خەۋەر 1550 قېتىم كۆرۈلدى
28/06/2019 23:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق