«ھۇررا لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسى ئاخىرلاشتى

«ھۇررا لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسى ئاخىرلاشتى

16-ئىيۇن «ھۇررا لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسى ئىستانبۇل كۈچۈكچەكمەجە رايونى سەفاكۆي نىھال تەنتەربىيە زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.

مۇسابىقىنى شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتى تەشكىللىدى. شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى ۋە سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى ماددىي جەھەتتىن قوللىدى.

مۇسابىقە باشىلىنىش ئالدىدا شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى رەئىسى دوكتور ئابدۇسالام تەكلىماكان ، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئسى قوشۇمچە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رئىسى ھىدايىتۇللا ئوغۇزخان، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەزاسى مەھمۇدجان داموللام ، سۇتۇق بۇغراخان ۋەقفىدىن ئۆمەر قارىھاجىم قاتارلىق يېتەكچىلەر باشلىنىش سۆزى قىلىپ، كوماندا ئەزالىرىغا ئىلھام بەردى.

مۇسابىقىنىڭ ئېچىلىش باسقۇچىدا  A گۇرۇپپىدىكى ئۇدۇن كوماندىسى بىلەن سېلىمپاشا كوماندىسى مەيدانغا چۈشۈپ، كەسكىن ئېلىشتى. نەتىجىدە ئۇدۇن كوماندىسى 0 گە قارشى 5 نەتىجە بىلەن سېلىمپاشا كوماندىسىنى يېڭىپ، 3 نومۇرنى قولغا كەلتۈردى.

ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقە ئانا يۇرت كوماندىسى بىلەن بۈركۈت كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ئىككى تەرەپ 1 گە قارشى 1 نەتىجە بىلەن  تەڭلىشپ قالدى. كېيىنكى يېرىم مەيداندا ئىككى تەرەپ قاتتىق تىركەشتى. ئاخىرى ئانا يۇرت كوماندىسى يەنە 2 توپ ئۇرۇپ،  1 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن بۈركۈت كوماندىسىنى يەڭدى.

ئۈچىنچى مەيدان مۇسابىقە A گۇرۇپپىدىكى دىيارىم كوماندىسى بىلەن ئىلى مەشرەپ كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. كوماندا ئەزالىرىنىڭ ئېسىل ماھارەتلىرى نەتىجىسىدە ئىككى كوماندا 1 گە قارشى 1نەتىجە بىلەن تەڭلىشىپ قالدى. 

بۈگۈن كوماندىلار ئارا ئۆتكۈزۈلىدىغان بىرىنچى ئايلانما مۇسابىقە  داۋاملاشماقتا

بۇ خەۋەر 2372 قېتىم كۆرۈلدى
17/06/2019 14:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق