شەرقىي تۈركىستاندا ئائىلىلەرنىڭ ئاشخانا ۋە ھاجەتخانىلىرىمۇ كۆزىتىلمەكتە

 

شەرقىي تۈركىستاندا ئائىلىلەرنىڭ ئاشخانا ۋە ھاجەتخانىلىرىمۇ كۆزىتىلمەكتە

 

زىمىستان تورىنىڭ بۈگۈن ئېلان قىلغان دوكلاتىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي چىراي تونۇش سىتېمىسى، يۇقىرى ئېنىقلىتىكى كامېر، ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى، بىئولوگىيەلىك تونۇش تېخنىكىسى قاتارلىق يۇقىرى پەن-تېخنىكا ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بارلىق ئۇچۇرلىرىنى توپلىغان.
كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى ئالدىنقى ئايدا ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ساقچىلىرى ئۇچۇر يىغىش دېتالى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تۈرلۈك ئۇچۇرلىرىنى قانۇنسىز ھالدا توپلاپ كەلگەن بولۇپ، بۇ ئۇچۇرلار شەخسلەرنىڭ قان تىپىدىن تارتىپ، دىنىي ۋە سىياسىي مەيدانىنى، ھەتتا ئايدا سەرپ قىلغان سۇ، توك، گاز پۇلىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاينىڭ نىشانى ھېسابلىنىدىغان 36 تۈرلۈك كىشىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇلار ئەقلىيفون ئىشلىتىشنى توختاتقان، قوشنىلىرى بىلەن چىقىشالمىغان، تېلېفون ئالماشتۇرغان كىشىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئەگەر جاسۇسلۇق دېتالى بۇ ئۇچۇرلارغا ئېرىشسە، خىتاي دائىرىلىرىگە ئاپتوماتىك سىگنال بېرىدىغان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى ئېرىشكەن ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن كىملەرنىڭ تۇتۇلۇشى كېرەك، كىملەرنىڭ گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى بەلگىلىيەلەيدىكەن.
ئۇندىن باشقا كىشىلەردىن شەخسىي ئۇچۇرلارنى خاتىرىلەيدىغان دېتالغا تىزىملىتىش تەلەپ قىلىنغان بولۇپ، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئۇچۇرلىرى، كىملىك ئۇچۇرى، شوپۇرلۇق پىراۋىسى، توك، سۇ، گاز ھېسابات نومۇرىدىن سىرت، ھەتتا ئۆي ئىچىنىڭ سۈرەتلىرىنى ئۈندىدار ئارقىلىپ يوللاپ بېرىش تەلەپ قىلىنغان.
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان مەلۇم ئاھالە كومىتېتى كادىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئۇچۇرلارنى توشقۇزۇشتىكى مەقسەت خىتاي دائىرىلىرىنىڭ گۇمانلىق يىپ ئۇچىغا ئېرىشىشى ئۈچۈن ئىكەن. ئۇ يەنە ھەتتا ئاشخانا ۋە ھاجەتخانىنىمۇ سۈرەتكە تارتىپ يوللاش تەلەپ قىلىنغانلىقىنى، ئەگەر ئاشخانىدا كۆپرەك نان بايقىلىپ قالسا، بۇ ئۆيدە چوقۇم قانۇنسىز يىغىلىش بار دەپ قارىلىدىغانلىقىنى، سۇ، گاز، توك پۇللىرى بۇرۇنقىدىن كۆپ چىقىپ قالسىمۇ دەرھال ساقچىلار تەرىپىدىن تەكشۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
دوكلاتتا يەنە مەزكۇر ئۇچۇر توپلاش دېتالىنىڭ ئىككى يىلدىن بۇيان ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

 

مەنبە: https://bitterwinter.org/xinjiang-police-app-used-for-illegal-surveillance/

بۇ خەۋەر 1831 قېتىم كۆرۈلدى
13/06/2019 12:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق