ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلار ھېيت كۈنلىرىنى ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەر بىلەن كۈتۈۋالدى

ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلار ھېيت كۈنلىرىنى ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەر بىلەن كۈتۈۋالدى

8-ئىيۇن شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىگە جايلاشقان ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىدە ھېيتلىق يىغىلىش ۋە ئانا تىل كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتكە ئانا تىل مەكتىپىدىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى قاتناشقاندىن سىرت، يەنە ئاۋسترالىيە ئا ب س قانىلىنىڭ مۇخبىرلىرىمۇ قاتناشتى.
پائالىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك ۋە باشقا تۇرمۇش بۇيۇملىرى كۆرگەزمە قىلىندى. شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن سۈرەتلەر قويۇلۇپ، مېھمانلارغا تونۇشتۇرۇلدى.
پائالىيەت جەريانىدا مىللىيچە كىيىنگەن ئۆسمۈرلەر ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە دېكلاماتسىيە قىلىش، ناخشا ئېيتىش قاتارلىق نومۇرلارنى كۆرسىتىپ، ئانا تىلىغا ۋە ۋەتىنىگە بولغان سۆيگۈسىنى ئىپادىلىدى.
پائالىيەتكە قاتناشقان ئا ب س قانىلى مۇخبىرلىرى پات يېقىندا مەزكۇر قانالدا شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە ھۆججەتلىك فىلىم ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە پائالىيەت جەريانىنى سۈرەتكە ئالدى. بىر تۈركۈم كىشىلەر شەرقىي تۈركىستاندا ئۆز بېشىغا كەلگەن ياكى شاھىت بولغان زۇلۇملار ھەققىدە مۇخبىرلارغا گۇۋاھلىق بەردى.

 

بۇ خەۋەر 1411 قېتىم كۆرۈلدى
10/06/2019 17:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق