خىتاي سۇلتانىم مازارلىقىنى يۆتكەش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقارغان

خىتاي سۇلتانىم مازارلىقىنى يۆتكەش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقارغان

1-ئىيۇن ئىجتىمائىي ئۈچۇر ۋاسىتىلىرىدا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ خوتەن شەھىرىدىكى سۇلتانىم مازارلىقىنى يۆتكەش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تارقاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش پىلانىغا ئاساسەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بارلىق دىنىي ئىبادەتلرىنى چەكلەپلا قالماي، يەنە دىنىي سىمۋول ھېسابلىنىدىغان مەسچىتلەرنى، دىنىي تۈس ئالغان قۇرۇلۇشلارنى ئۆزگەرتكەن ياكى چېقىپ تاشلىغان. خىتاي ئالدىنقى يىللىرى يەنە شەرقىي تۈركىستاندىكى قەبرىلەرگە يېزىلغان ئايەت ۋە دىنغا ئالاقىدار خەتلەرنى بۇزۇۋەتكەن ياكى چېقىۋەتكەن ئىدى. خىتاي ئەمدىلىكتە ھەرخىل يالغان باھانىلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى مازارلارنى يۆتكەش ئارقىلىق ئۆزگەرتىشكە باشلىغان.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى خوتەن شەھىرىدىكى ئەڭ چوڭ مازارلىق سۇلتانىم مازارلىقىنى يۆتكەش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش تارقاتقان بولۇپ، ئۇقتۇرۇشتا بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە ئىگىسى چىقمىغان قەبرىلەرنىڭ ئىگىسىز قەبرە سۈپىتدە بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىنى، كېيىنكى ھەرقانداق ئاقىۋەتكە خىتاي تەرەپنىڭ ئىگە بولمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

بۇ خەۋەر 1381 قېتىم كۆرۈلدى
03/06/2019 16:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق