نۇزۇگۇم تەربىيەلەش مەركىزىدە كېچىلىك دۇئا ۋە سۇھۇرلۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

نۇزۇگۇم تەربىيەلەش مەركىزىدە كېچىلىك دۇئا ۋە سۇھۇرلۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

31-ماي شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتىنىڭ زەيتىنبۇرنۇدىكى خانىم-قىزلارنى تەربىيەلەش مەركىزىدە كېچىلىك دۇئا ۋە سۇھۇرلۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ كېچىدە سەفاكۆيدىكى فاتىھ جامەسىدە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن داغدۇغىلىق دۇئا ۋە سۇھۇرلۇق پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى پائالىيەتكە قاتنىشىدىغان ئاياللار ۋە قىزلارنىڭ تەشكىللىنىش ئىشلىرى ئۈچۈن، نۇزۇگۇمدا ئاكتىپ خىزمەت قىلىۋاتقان خانىملارغا خىزمەت ۋەزىپىسى تاپشۇردى.
كېچىدە قاتناش قولايسىز بولۇش، سالامەتلىكى يار بەرمەسلىك، كىچىك بالىلىرى بىلەن قىينىلىپ قېلىش قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن پائالىيەتكە بېرىش ئىمكانىيىتى بولمىغان خانىم-قىزلارغا نۇزۇگۇم دەرسخانىسىدا دۇئا ۋە سۇھۇرلۇق ئورۇنلاشتۇردى.
پائالىيەتكە يىغىلغان خانىملار بىرلىكتە قۇرئان تىلاۋىتى ۋە ئىبادەت قىلىش بىلەن بىرگە، فاتىھ جامەسىدە بىرلىكتە دۇئا قىلىۋاتقان جامائەتنىڭ دۇئاسىنىڭ ئىجابەت بولۇشى ئۈچۈن، مەزلۇم شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مۇستەملىكىدىن قۇتۇلۇشى، ھۆر شەرقىي تۈركىستاننىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كۆپلەپ دۇئا قىلدى. ئاخىردا بۇ پائالىيەتنى ۋە مول سۇھۇرلۇقنى تەييارلىغان نۇزۇگۇم جەمئىيىتىگە ئالاھىدە رەھمىتىنى بىلدۈرۈشتى.

بۇ خەۋەر 1596 قېتىم كۆرۈلدى
01/06/2019 17:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق