خۇاۋېي شىركىتى خىتايدىكى بارلىق ئامېرىكىلىق خىزمەتچىلىرىنى قايتۇرۇۋەتتى

خۇاۋېي شىركىتى خىتايدىكى بارلىق ئامېرىكىلىق خىزمەتچىلىرىنى قايتۇرۇۋەتتى

ئەنگلىيە پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى خىتايچە تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خۇاۋېي شىركىتى خىتايدا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئامېرىكىلىق خىزمەتچىلىرىنى ئۆز دۆلىتىگە قايتىپ كېتىشكە بۇيرۇغان.
خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن خۇاۋېي شىركىتى ئىككى ھەپتە بۇرۇنلا شېنجېن شەھىرىدىكى باش ئىشتابىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئامېرىكىلىق خىزمەتچىلەرنى خىزمىتىدىن توختىتىپ، ئامېرىكىغا قايتىپ كېتىشكە بۇيرۇغان.
خۇاۋېي شىركىتى يەنە ئۆز خىزمەتچىلىرىنىڭ ئامېرىكا پۇقراسى بولغان ھەرقانداق كىشى بىلەن ئالاقىلىشىشىنى چەكلىگەن بولۇپ، ھەتتا شىركەت رايونىغا زىيارەتكە كەلگەن چەتئەللىكلەرنىڭ ئامېرىكا پۇقراسى ياكى ئەمەسلىكىنىمۇ تەكشۈرۈلگەن ۋە ھەرقانداق تېخنىكىلىق مەسىلىلەر ھەققىدە پاراڭلىشىشىغا چەكلىمە قويغان.
بۇنىڭدىن سىرت، خۇاۋېي شىركىتى ۋە ئۇنىڭ ئامېرىكىدىكى ئىش بېجىرىش ئورنى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىمۇ تەڭشەلگەن بولۇپ، بارلىق ئالاقىنىڭ ئاشكارا بولۇشى تەلەپ قىلىنغان.

بۇ خەۋەر 1260 قېتىم كۆرۈلدى
31/05/2019 17:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق