ئۆمەر چېلىك: ئۇيغۇرلارنى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى رىقابەتكە چېتىۋالمايلى

 

26-فېۋرال CNN تۈرك بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باياناتچىسى ئۆمەر چېلىك: «ئۇيغۇر تۈركلىرىنى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى رىقابەتكە چېتىۋالماسلىق كېرەك» دېگەن.
ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ يېتەكچىلىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنسىتىرى چاۋۇشئوغلۇ قاتناشقان يىغىلىشتا سۆز قىلغان باياناتچى ئۆمەر چېلىك مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك تۆھمەتلەر بىلەن ئۆز خەلقىگە بەرگەن ئۆلۈم جازاسى ھەققىدە توختىلىپ، ياۋروپا ئەللىرىنىڭ بۇ ۋەقەگە خىجىل بولماستىن قۇلاق يوپۇرۇۋالغانلىقىنى تىلغا ئالغان.
باياناتچى ئۆمەر چېلىك يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرىگە يۈرگۈزگەن باستۇرۇش ۋە لاگېرغا قاماش ھەرىكەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ: «بىز تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئۇيغۇر تۈركلىرى ھەققىدە بەرگەن باياناتلىرىمىز تېخى يېتەرلىك ئەمەس. ئۇيغۇر تۈركلىرى ھەققىدىكى ئىنكاسىمىز ھەقلىق بىر ئىنكاستۇر. ئۇيغۇر تۈركلىرىنى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى رىقابەتكە چېتىۋالماسلىق كېرەك» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 5108 قېتىم كۆرۈلدى
27/02/2019 17:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق