ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئالدامچىلىقىغا قارشى نامايىش قىلدى

ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئالدامچىلىقىغا قارشى نامايىش قىلدى

27-ماي ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار شاڭگرىلا مېھمانخانىسى ئالدىغا يىغىلىپ، خىتاينىڭ ئىستانبۇل كونسۇلخانىسىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا بەرگەن ئىپتار زىياپىتىگە قارشى نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشى ئۆتكۈزدى.

شەرقىي تۈركىستاندا روزا تۇتۇشنى چەكلىگەن، ھەتتا روزا تۇتقانلارنى جازالىغان خىتاينىڭ تۈركىيە خەلقىنى ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئالداش، كۆزىنى بوياش ئۈچۈن تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئىپتار زىياپىتىگە چاقىرىشى ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىدى.

نارازىلىق نامايىشىغا مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ قوللىشى بىلەن شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى رەئىسى ئابدۇسالام تەكلىماكان ۋە ئەزالىرى، شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتى ئەزالىرى قاتناشتى. ئۇندىن باشقا  شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئىتتىپاقى رەئىسى ئەلى ئەكبەر داموللام، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتى رەئىسى سىيىت تۈمتۈرك، بۈيۈك تۈركىستانلىقلار جەمئىيىتى رەئىسى يۈسۈپ يۈسۈپ ئوغلى، مەھمۇد قەشقەرىي تەلىم-تەربىيە ۋەقفى رەئىسى يۈسۈپ پالتاجى قاتارلىق جەمئىيەت رەھبەرلىرى ۋە ئاممىدىن تەشكىللەنگەن 100دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

نامايىشتا ئابدۇسالام تەكلىماكان، ئەلى ئەكبەر داموللام ۋە سىيىت تۈمتۈرك قاتارلىق شەخسلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشلىرىغا قارشى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ دىننى خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بارلىق دىنىي پائالىيەتلىرىنى، دىنغا ئالاقىدار بارلىق نەرسىلەرنى چەكلىگەنلىكى،  نۇرغۇن مەسچىتلەرنى چاققانلىقى، رامىزاندا روزا تۇتۇشنى چەكلەش ھەققىدە تۈرلۈك قائىدىلەرنى چىقارغان ۋە روزا تۇتقان كىشىلەرنى كۈندۈزى تاماق يېيىشكە مەجبۇرلاۋاتقان بىر ۋاقىتتا خىتاي ئىستانبۇل ئەلچىخانىسىنىڭ تۈركىيە خەلقى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداش ئۈچۈن، نومۇس قىلماستىن ئىپتارلىق پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. 

خىتاي ئىپتارلىق پائالىيىتىنىڭ ئېلانىنى 22-ماي تارقاتقان بولسىمۇ، بىراق ئسىتانبۇلدىكى ئۇيغۇرلاردىن قورقۇپ، پائالىيەتنىڭ نەدە ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىيالماي، ئىپتار زىياپىتى كۈنى ئاندىن ئېلان قىلغان. ئەگەر خىتاي زىياپەت ئورنىنى بالدۇر ئېلان قىلغان بولسا، نارازىلىق نامايىشىنىڭ تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.

بۇ خەۋەر 1770 قېتىم كۆرۈلدى
28/05/2019 13:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق