ئىستانبۇلدا قۇرئان كۇرسى ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

ئىستانبۇلدا قۇرئان كۇرسى ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
23-ماي شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ زەيتىنبۇرنۇ شۆبىسى قۇرئان كۇرسى ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن ئانا تىل يەسلىسى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 2018-، 2019- يىللىق ئوقۇتۇش باسقۇچىنىڭ ئاخىرلىشىش ۋە ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئىستانبۇل زەيتىنبۇرنۇ رايونى ئاق دېڭىز زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.
مۇراسىم قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى، قوشۇمچە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان ۋە قۇرئان كۇرسى مۇدىرى خۇرشىدە ئارتىش خانىم ئېچىلىش سۆزى قىلدى.
ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار مۇراسىم داۋامىدا ئىسلام ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن شېئىرلار ۋە ناخشىلارنى ئوقۇدى ۋە سەرخىل نومۇرلارنى كۆرسەتتى. ئارقىدىن ئوقۇغۇچىلار قۇرئان تىلاۋىتى قىلدى.
مۇراسىمدا يەنە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش ھاياتى تەسۋىرلەنگەن مەخسۇس فىلىم قويۇلدى ۋە ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا سوۋغات تەقدىم قىلىندى.

ئاخىرىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئىسلام ئۈچۈن، ۋەتەن، خەلق ئۈچۈن ياراملىق كىشىلەردىن بولۇپ يېتىلىشى، ۋەتەندە ئېچىنىشلىق ھالەتتە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تېزرەك زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن دۇئالار قىلىندى.

 

بۇ خەۋەر 1164 قېتىم كۆرۈلدى
24/05/2019 16:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق