ئامېرىكىنىڭ سودا ئېمبارگوسى خىتاي پايچېك بازىرىغا زور تەسىر كۆرسەتتى

ئامېرىكىنىڭ سودا ئېمبارگوسى خىتاي پايچېك بازىرىغا زور تەسىر كۆرسەتتى

 

ۋول كوچىسى ژۇرنىلى تورىنىڭ 22-ماي ئېلان قىلغان دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇزۇندىن بېرى چەتئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنى جەلپ قىلىپ كەلگەن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ پايلىرى ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشىنىڭ تەسىرىدە تېز سۈرئەتتە چۈشۈشكە باشلىغان. بۇ سەۋەبلىك چەتئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارمۇ كۆپ زىيانغا ئۇچرىغان.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ كۆزىتىش سىستېمىسى شىركەتلىرىدىن بىرى بولغان خەيكاڭ رەقەملىك تېخنىكا شىركىتىنى قارا تىزىملىككە قوشۇش مۇمكىنلىكىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، شىركەت پايچېكى چارشەنبە كۈنىلا %5.5 چۈشۈپ كەتكەن.

خەيكاڭ شىركىتىنىڭ ئەڭ چوڭ پايچېكى خىتاي ھۆكۈمىتى بولۇپ، %30 پايدىسى چەتئەلدىن كېلىدۇ. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مەزكۇر شىركەتنىڭ ئۈسكۈنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى نازارەت قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئاساسلىق تەمىنلىگۈچىسى ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، قارا تىزىملىككە قوشۇش مۇمكىنچىلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بۇنىڭدىن سىرت خىتاينىڭ يەنە بىر مۇھىم كۆزىتىش سىستېمىسى شىركىتى بولغان جېجياڭ داخۇا پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ نەچچە ھەپتىدىن بېرى توختىماي ئۆسۈۋاتقان پېيىمۇ بۇ چارشەنبىدە ئۆسۈشتىن پۈتۈنلەي توختىغان.

بۇ خەۋەر 1279 قېتىم كۆرۈلدى
23/05/2019 13:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق