رۇسلار خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشى قىلدى

 

ئامېرىكا ئاۋازى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ بايقال كۆلى ياقىسىدا بوتۇلكىلىق سۇ زاۋۇتى قۇرۇش پىلانى رۇسىيە خەلقىنى ئەندىشىگە سالغان. 
خەۋەردە رۇسىيە خەلقىنىڭ خىتايغا قارشى نارازىلىقىنى نامايىش قىلىش، ئاممىۋى ئىمزا توپلاپ،  قۇرۇلۇشنى توختىتىشقا مەجبۇرلاش قاتارلىق ئۈسۇللار بىلەن بىلدۈرگەنلىكى، نامايىشنىڭ بايقال كۆلىگە يېقىن شەھەرلەردىن موسكۋاغا قەدەر ئون نەچچە شەھەردە ئۆتكۈزۈلگەنلىكى، نامايىشچى ئاممىغا  سىياسەتچىلەر، تونۇلغان سەنئەتچىلارمۇ قاتناشقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، نامايىشچى ئامما رۇسىيە رەھبىرى پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننى بايقال كۆلىنى خىتايغا سېتىۋەتتى، دەپ ئەيىبلىگەن. رۇسىيە دائىرىلىرى خىتاينىڭ مەزكۇر قۇرۇلۇشىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، مۇھىت بىخەتەرلىك ئۆلچەملىرىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ياكى كەلمەيدىغانلىقىنى تەكشۈرۈشكە ۋەدە قىلغان.

ئىگىلىنىشىچە، رۇسىيەدىكى سوت مەھكىمىلىرىدىن بىرى خىتاينىڭ بوتۇلكىلىق سۇ زاۋۇتى قۇرۇلۇشىنى توختىتىش ھەققىدە ھۆكۈم چىقارغان.

بۇ خەۋەر 6458 قېتىم كۆرۈلدى
27/03/2019 18:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق