نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى: تۈرمىگە تاشلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ %87ى بەش يىلدىن يۇقىرى كېسىلگەن

نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى: تۈرمىگە تاشلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ %87ى بەش يىلدىن يۇقىرى كېسىلگەن

نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ 31-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تۈرمىگە تاشلاش نىسبىتى بىر نەچچە يىل ئىچىدە شىددەت بىلەن ئاشقان.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان مىليونلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جازا لاگېرىغا قاماپلا قالماي، يەنە زور تۈركۈمدىكى خەلقنى «قاتتىق زەربە بېرىش» باھانىسى بىلەن تۈرمىلەرگە تاشلىغان. نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى خىتاي دائىرىلىرى ئاشكارىلىغان سانلىق مەلۇماتلارنى ئىستاتىستىكىلاپ چىقىپ، بۇ ھەقتە دوكلات ئېلان قىلغان.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئاتالمىش ئاپتونۇم رايونلۇق ئالىي سوت مەھكىمىسى، ئالىي تەپتىش مەھكىمىسى، ئىستاتىستىكا ئىدارىسى، يىللىق باھالاش ئىدارىسى قاتارلىق ئورگانلار ئېلان قىلغان ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، 2017-يىلى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى جىنايى جاۋابكارلارنىڭ پەقەت %14ى بەش يىل ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئەمما شەرقىي تۈركىستاندا بولسا بۇ نىسبەت %87كە يەتكەن. شەرقىي تۈركىستان نوپۇسى ئاتالمىش خىتاي نوپۇسىنىڭ %2نى ئىگىلىسىمۇ، قولغا ئېلىنغانلارنىڭ سانى %22نى ئىگىلىگەن. 2017-يىلى شەرقىي تۈركىستاندا تۈرمىگە تاشلانغانلارنىڭ سانى 2007-يىلىدىكىدىن ئون ھەسسە كۆپەيگەن.
يۇقىرىقىلار خىتاي ئاشكارىلىغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن چىقىرىلغان خۇلاسە بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ۋەزىيەت بۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە ئېغىر ئىكەن.

بۇ خەۋەر 993 قېتىم كۆرۈلدى
03/09/2019 14:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق