خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ كېڭەش يىغىنى ئېچىلدى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى 11-ماي ئالاھىدە كېڭەش يىغىنى ئېچىپ، نۆۋەتتىكى مۇھىم مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.

كېڭەش يىغىنىغا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ مۇدىرىيەت ھەيئىتى، ئىجرائىيە ھەيئىتى ئەزالىرى، جامائەت ئەربابلىرى، دەۋا پېشقەدەملىرى ئىشتىراك قىلغاندىن باشقا، يەنە چەت ئەلدىكى ئەزا تەشكىلاتلارنىڭ رەئىسلىرى تور ئارقىلىق قاتناشتى.

ئالاھىدە كېڭەش يىغىنىدا، ئالدى بىلەن خىتاينىڭ ئىشغال قىلغان شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىق ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى مۇزاكىرە قىلىندى. ئارقىدىن مۇھاجىرەتتىكى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ تەرەققىيات مەسىلىلىرىگە مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق قاراپ چىقىلدى ۋە بۇ ھەقتە بىر قىسىم مۇھىم قارارلار چىقىرىلدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1518 قېتىم كۆرۈلدى
13/05/2024 15:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق