خىتاي ئامېرىكا پاراخوتىنىڭ پاراسېل ئارىلى تەۋەلىكىگە كىرگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى

خىتاي ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتىنىڭ پاراسېل تاقىم ئارىلى تەۋەلىكىگە كىرگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بايانات ئېلان قىلدى. ئامېرىكا بولسا پاراخوتىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا داۋاملىق ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

خىتاي جەنۇبىي قىسىم ئۇرۇش رايونىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى تيەن جۈنلى 10-مايدىكى باياناتىدا ئامېرىكىنىڭ «ھالسى» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىق قوغلىغۇچى پاراخوتىنىڭ خىتاينىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپ، خىتاي شىشا ئارىلى دەپ دەۋا قىلىۋاتقان دېڭىز تەۋەلىكىگە قانۇنسىز بۆسۈپ كىرگەنلىكىنى، خىتاي ئارمىيەسى جەنۇبىي قىسىم ئۇرۇش رايونى دېڭىز-ھاۋا ھەربىي كۈچىنى تەشكىللەپ، قانۇن بويىچە ئىز قوغلاپ نازارەت قىلغانلىقىنى ھەمدە ئاگاھلاندۇرۇپ قوغلاپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ  سۆزىدە يەنە ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتى خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىكىگە دەخلى-تەرۇز يەتكۈزگەنلىك ھېسابلىنىدىغانلىقى، ئامېرىكىنىڭ جەنۇبى دېڭىزنى ھەربىيلەشتۈرگەنلىكى، ئامېرىكا جەنۇبى دېڭىزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا ئەڭ چوڭ بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچى ئىكەنلىكى ھەققىدە جار سالغان.

ئامېرىكىمۇ بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، «ھالسى» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىق قوغلىغۇچى پاراخوتنىڭ پاراسېل تاقىم ئارىلى (خىتاي شىشا تاقىم ئارىلى دەپ دەۋا قىلىدۇ) ئەتراپىدا خەلقئارالىق قانۇن-نىزاملارغا ئۇيغۇن تەرىقىدە ھەرىكەت قىلغانلىقىنى، مەزكۇر تەۋەلىكتە ۋەزىپىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، جەنۇبىي دېڭىزدا يۈرۈشىنى داۋاملاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاينىڭ دېڭىزدىكى زومىگەرلىك ھەرىكىتىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، رايوندىكى دۆلەتلەر خىتايغا قارشى ئامېرىكا بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتمەكتە. 8-ماي ئامېرىكا ۋە فىلىپپىن «مۈرىنى مۈرىگە تىرەش» ناملىق ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەن بولۇپ، مانېۋىردا مەۋھۇم دۈشمەن ئۇرۇش پاراخوتى بومباردىمان قىلىنغانىدى.

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىمى بىلەن فىلىپپىن ئارمىيەسى قاتناشقان مەزكۇر مانېۋىر دەل خىتاي بىلەن فىلىپپىن ئارىسىدا كەسكىن تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان جەنۇبىي دېڭىزدا ئىجرا قىلىنغان بولۇپ، خىتاي بۇ مانېۋىرغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەنىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1315 قېتىم كۆرۈلدى
13/05/2024 13:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق