ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بايانات ئېلان قىلدى

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بايانات ئېلان قىلدى

19‏-نويابىر ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتا-ئانىسى جازا لاگېرىغا قامالغان بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرغان.
باياناتتا خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقانلىقى، بالىلار ھوقۇقى ئەھدىنامىسىنىڭ 9‏-ماددىسىغا خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ۋە ھەر قايسى ھۆكۈمەتلەرنى خىتاينىڭ بۇ رەزىل قىلمىشلىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشكە، خەلقئارانى شەرقىي تۈركىستاندىكى بالىلار لاگېرىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرغان.
مەزكۇر باياناتنى ئامېرىكىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى دۇنيا بالىلار كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى بالىلارنى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىپ تۇتۇپ تۇرۇش، ئائىلىلەرنى ۋەيران قىلىش ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى سىياسىتىگە قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرغان.
مەلۇم بولۇشىچە، تۈنۈگۈن ب د ت نىڭ «بالىلار ھوقۇقى ئەھدىنامىسى» ماقۇللانغانلىقىنىڭ 30 يىللىق خاتىرە كۈنى بولۇپ، خىتاي بۇ ئەھدىنامىگە 1992‏-يىلى ئىمزا قويغان.
خىتاي تۆت يىلىدىن بېرى باشلىغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەرىكىتى ئاز بولمىغان بالىلارنىڭ ئىگە-چاقىسىز قېلىشىغا سەۋەب بولغان. ئۇندىن باشقا خىتاينىڭ ئىگە-چاقىسىز قالغان بالىلارنى بالىلار لاگېرىغا توپلاپ، ئۇلارنى مىللىي مەدەنىيەت ۋە ئائىلە مۇھىتىدىن ئايرىپ، خىتاي تىلى، خىتاي مەدەنىيىتى بىلەن تەربىيەلىگەنلىكى ئسپاتلانغان. ئۇندىن باشقا ئىگە-چاقىسىز قالغان بالىلارنىڭ توڭلاپ ئۆلۈش تېراگېدىيەسى يۈز بېرىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى.
16‏-نويابىر نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى ئېلان قىلغان شەرقىي تۈركسىتاندىكى لاگېرلار ھەققىدىكى 403 بەتلىك مەخپىي ھۆججىتمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى بالىلارنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالى، ئۇلارنىڭ خىتاي كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن نېمىلەرگە مەجبۇرلانغانلىقى ھەققىدىكى بىر قىسىم تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىغان.

بۇ خەۋەر 1771 قېتىم كۆرۈلدى
21/11/2019 12:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق