خىتاي كومپارتىيەسى ئىقتىسادىي چېكىنىش ئەھۋالىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇندى

خىتاي كومپارتىيەسى ئىقتىسادىي چېكىنىش ئەھۋالىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇندى
ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى يەنە بىر قەدەم ناچارلاشقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي كومپارتىيەسى تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ۋەزىيەتنى يوشۇرۇشقا تىرىشقان.
خىتاي ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدىكى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ۋە پۇقرالارنىڭ چىقىم ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن. مۇقىم مۈلۈككە مەبلەغ سېلىشتىمۇ ئاستىلاش كۆرۈلگەن.
ئەمما خىتاي تاراتقۇلىرى بۇ يىللىق سانائەت ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنىڭ توختىماي ئېشىۋاتقانلىقىنى، ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنىڭ مۇقىم داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى كۆپلەپ خەۋەر قىلغان. پەقەت بازار ئېھتىياجىنىڭ تۆۋەنلەش كۆرۈلگەنلىكىنى، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ بېسىمغا دۇچ كەلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان.
خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشى ۋە شى جىنپىڭنىڭ مۇستەبىتلىك سىياسىتى سەۋەبلىك خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ئىزچىل ناچارلىشىپ كەلگەن. گەرچە ئامېرىكا-خىتاي سودا سۆھبىتىدە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشلەر كۆرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا پىرېزىدېنتى تىرامپ خىتايدىن ئېلىنىدىغان قوشۇمچە تاموژنا بېجىنى ئالدىراپ تولۇق ئەمەلدىن قالدۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 727 قېتىم كۆرۈلدى
15/11/2019 15:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق