گامبىيەدە تۇتۇپ قېلىنغان ئۈچ ئۇيغۇر تۈركىيەگە قايتۇرۇپ كېلىندى

گامبىيەدە تۇتۇپ قېلىنغان ئۈچ ئۇيغۇر تۈركىيەگە قايتۇرۇپ كېلىندى
11-نويابىر ياۋروپاغا قاراپ يولغا چىقىپ، گامبىيە ئايرودرومىدا تۇتۇپ قېلىنغان ئۈچ ئۇيغۇر تۈركىيەگە مۇۋەپپەقىيەتلىك قايتىپ كەلدى.
ئافرىقا دۆلىتى گامبىيەدە تۇتۇپ قېلىنىپ خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپى ئاستىدىكى ئۈچ ئۇيغۇر ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە مەرھەمىتى بىلەن، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ ھارماي-تالماي يول مېڭىشى، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ۋە تۈركىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى بىلەن ئىزچىل ئالاقە قىلىشى نەتىجىسىدە ھەل بولغان.
بۇ ئىشتا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى گامبىيەدە تۇرۇشلۇق تۈركىيە باش ئەلچىسى، كۆچمەنلەر ئىدارىسى مۇدىرلىقىنىڭ گامبىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى بىلەن ئالاقە قىلىش ئارقىلىق، گامبىيە دائىرىلىرىنى ئۈچ ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەي، تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىشنى ئېيتقان. ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ پىشقەدەم ئۇستازلىرى ۋە ئاۋسترالىيەدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھىممىتى بىلەن تۈركىيگە كېلىش بېلەتلىرى ئېلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككىنچى ۋەتىنى تۈركىيەگە ساق-سالامەت كېلىۋالدى.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلار 28-ئۆكتەبىر گامبىيەدىن ياۋروپاغا قاراپ يولغا چىقماقچى بولغاندا ئايرودروم ساقچىلىرى ئۇلارنى: «سىلەر خىتايغا ئوخشىمايدىكەنسىلەر، نېمە ئۈچۈن سىلەردە خىتاي پاسپورتى بار؟» دەپ گۇمان قىلىپ تۇتۇپ قالغان. ئۇلار: «بىز خىتاي ئەمەس، تۈرك» دەپ تۇرۇۋېلىپ، تۈركىيەدىن بېرىلگەن ئۇزاق مۇددەتلىك ئىقامىتىنى كۆرسەتكەندىن كېيىن، ساقچىلار ئۇلارنى تۈركىيە ئەلچىخانىسىغا ئاپارغان. تۈركىيە ئەلچىخانا خادىملىرى ئۇلارنىڭ تۈركىيەدە قانۇنلۇق ياشاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە قولىدىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامىتىنىڭ ئىناۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق گامبىيە ساقچىلار يەنە: «ئۇلاردا نېمە ئۈچۈن خىتاي پاسپورتى بار؟ بىز بۇنى ئېنىقلايمىز» دەپ تۇتۇپ قالغان.

بۇ خەۋەر 1088 قېتىم كۆرۈلدى
12/11/2019 12:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق