ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە ئومۇمىي تەكىلىپ

ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە ئومۇمىي تەكىلىپ

تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ش ت ت ب 12 - نويابىر كۈنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىككى جۇمھۇرىيەت خاتىرە كۈنىمىزگە كەڭ خەلقىمىزنى دەۋەت قىلدى.

چاقىرىقتامۇنۇلار تىلغا ئېلىندى:

ئەسسالام ئەلەيكۇم، ئەزىز قېرىنداشلار! ئالدىمىزدا كېلىۋاتقان 12-نويابىر كۈنى تارىخىمىزدا قۇرۇلغان ئىككى مۇستەقىل دۆلىتىمىزنىڭ، يەنى 1933-يىلى 12-نويابىردا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە 1944-يىلى 12-نويابىردا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ 86 ۋە 75 يىللىق خاتىرە يىلى رەسمىي دۆلەت بايرىمىمىزدۇر.

قەھرىمان ئەجداتلىرىمىز ئەينى چاغدىكى ئىنتايىن مۇرەككەپ، قىيىن ۋەزىيەتلەرگە باش ئەگمەستىن، نۇرغۇن بەدەللەرنى تۆلەپ، ئىككى قېتىم مۇستەقىل ۋە سىستېمىلىق دۆلەت قۇرۇپ چىقىش ئارقىلىق، يوقىلىش گىردابىغا كېلىپ قالغان مىللىتىمىزگە كىملىكىنى، ئىگىلىك ھوقۇقىنى، ئازادلىقىنى، شان-شەرىپى ۋە غۇرۇرىنى قايتۇرۇپ بەرگەن ئىدى. ئۇلۇغ ئەجداتلىرىمىزنى مىننەتدارلىق ۋە چوڭقۇر ئېھتىرام بىلەن ئەسلەيمىز. ئاللاھ ئۇلارنى ئاخىرەتتە ئەزىز ۋە مەقامىنى ئۈستۈن قىلسۇن، ئامىن!

-12نويابىر بىز شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قانۇنلۇق يول بىلەن مىللىي ۋە سىياسىي كىملىككە ئىگە  بولغان كۈنىمىزدۇر. بۇ جۇمھۇرىيەتلىرىمىز ۋە شانلىق كۆك بايرىقىمىز شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاي ئىشغالىيىتىگە ئۇچرىغان دەسلەپكى كۈندىن تارتىپلا ئىزچىل، قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن كۈرەشلىرىگە، شۇنداقلا ئازادلىقىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈش، دۆلىتىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىش كۈرىشىگە تۈرتكە بولۇپ كېلىۋاتقان بىردىنبىر قىممەتلىك ئەڭگۈشتىرىمىزدۇر.

ئەزىز  قېرىنداشلار، تاجاۋۇزچى تېررورىست خىتاينىڭ رەزىل سىياسىتى ۋە زۇلۇملىرى ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان ھازىرقى مەزگىلدە، مەيلى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىزنىڭ قىلىشقا  تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىمىز ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك  بايرىقىمىزغا، شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنىڭ ئىسمى ۋە سىياسىي كىملىكىگە، دىنىي ۋە مىللىي قىممەت قاراشلىرى، تىل، مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ئىگە چىقىشتىن ئىبارەتتۇر.

-12نويابىر (سەيشەنبە) كۈنى ئىستانبۇل زەيتىنبۇرنۇدا جۇمھۇرىيەتلىرىمىزنى خاتىرىلەش پائالىيىتى  ئۆتكۈزىلىدۇ. بارلىق قېرىنداشلارنى قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىمىز.  

ۋاقتى: 11-ئاينىڭ  12-كۈنى (سەيشەنبە)،  كەچ سائەت  6:30.

ئادرېسى: زەيتىنبۇرنۇ كۈلتۈر ۋە سەنئەت مەركىزى.

بۇ خەۋەر 928 قېتىم كۆرۈلدى
11/11/2019 15:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق