خىتاي ئوقۇتقۇچى بالىلار لاگېرىنىڭ ئىچكى ئەھۋالىنى ئاشكارىلىدى

 

زىمىستان تورىنىڭ 24-مارت بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن يۇقىرى مائاش بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا تەكلىپ قىلىنغان خىتاي ئوقۇتقۇچى بالىلار لاگېرىنىڭ ئىچكى ئەھۋالىنى ئاشكارىلىغان.
بالىلار لاگېرىدا ئوقۇتقۇچىلىققا ياللانغان خىتاي ئوقۇتقۇچى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مىليونلىغان شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنىڭ جازا لاگېرلىرىدا خىتايچە ئۆگىنىشكە مەجبۇرلانغانلىقىنى، لاگېرغا قامالغان ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرى دائىرىلەر «سۆيگۈ، پەرىشتىلەر باغچىسى» دېگەندەك چىرايلىق ئىسىملارنى قويۇۋالغان بالىلار لاگېرلىرىدا ئانا تىلىدا سۆزلەش چەكلىنىپ، خىتاي تىلى، خىتاي مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىنى، بالىلار لاگېرىنىڭ تاملىرىدا «ۋەتەننى سۆيۈشنى سۆزدىن باشلاش كېرەك» دېگەندەك شوئارلارنىڭ بارلىقىنى، ئۆزىنىڭ قەشقەردىكى مەلۇم بىر لاگېرغا تەقسىم قىلىنغانلىقىنى، تۈنجى بالىلار لاگېرىغا كىرگەندە لاگېردىكى بالىلارنىڭ ئەھۋالىدىن قاتتىق چۆچۈپ كەتكەنلىكىنى، بالىلارنىڭ كىيىملىرىنىڭ يەڭلىرى يىرتىق، بەزىلىرىنىڭ ئايىغىنىڭ چەمى يوق، بەزىلىرىنىڭ پاشنىسى يوق، بەرلىرىنىڭ ئۇچى تۆشۈك بولۇپ، ئىنتايىن بىچارە ئىكەنلىكىنى، بۇ بالىلارنىڭ ھالىتى كىشىگە كونا جەمئىيەتنىڭ كۆرۈنۈشىنى ئېسىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
خىتاي ئوقۇتقۇچى يەنە ئىلگىرىكى مىللىي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى خىتايچە ئىمتىھان ئۆتكىلىدىن ئۆتكۈزگەنلىكىنى، لاياقەتلىك بولالمىغانلارنىڭ ئىشتىن بوشىتىلغانلىقىنى، ھېيىت-بايراملاردا ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇرچە تاخشىلارنى ئېيتىشى بىردەك چەكلەنگەنلىكىنى، پارتىيەنى ماختايدىغان ناخشىلارنى بىر تۇتاش ئېيتىشقا مەجبۇرلىنىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۈندىداردا ئۇيغۇرچە سۆزلىگەنلىكى بايقالسا، «قارشىلىق كۆرسەتمەكچىمۇ؟» دېگەن سۆزلەر بىلەن دەرھال ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدىغانلىقىنى، لاگېرغا ياللانغان ئوقۇتقۇچىلارنى بەش يىللىق توختام تۈزۈشكە مەجبۇر قىلىدىغانلىقىنى، بىر قېتىم لاگېرنىڭ تۈزۈمىگە خىلاپىلىق قىلسا، مائاشتىن 5000 يۈەن تۇتۇپ قالىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
خەۋەردە نورمال مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان خىتاي ئوقۇتقۇچى مۇخبىرغا يەنە دائىرىلەرنىڭ باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسىدە ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇتۇلىدىغان دەرسلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقى سەۋەبلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى چۈشىنەلمەي، ئوقۇش نەتىجىسىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى، 60 ئوقۇغۇچى بار سىنىپتا بىر قانچە ئوقۇغۇچى 50 نومۇر ئالغاندىن سىرت، نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ نۆل نومۇر ئالغانلىقىنى، ئوقۇغۇچىلار بېسىم ھېس قىلىپ، ئوقۇشتىن سوۋۇپ كەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

بۇ خەۋەر 10949 قېتىم كۆرۈلدى
25/03/2019 18:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق