خوڭكوڭنىڭ كوممۇنىستپەرەس پالاتا ئەزاسى پىچاقلىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

خوڭكوڭنىڭ كوممۇنىستپەرەس پالاتا ئەزاسى پىچاقلىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خوڭكوڭدىكى پالاتا ئەزاسى خې جۈنياۋ بۈگۈن ئەتىگەن نامەلۇم بىر ياش تەرىپىدىن پىچاقلىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ، يېنىك يارىلانغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، خې جۈنياۋ خوڭكوڭنىڭ تۈنمېن رايونىدىكى مەلۇم سودا سارىيىدا تۇرۇۋاتقاندا، مەلۇم بىر ياش ئۇنىڭ قوللىغۇچىسى قىياپىتىدە ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقان، ئارقىدىن توساتتىن پىچىقىنى چىقىرىپ، ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلغان. نەق مەيداندا تارتىلغان سىنغا ئاساسلانغاندا ۋەزىيەت تېزلا كونترول قىلىنغان بولۇپ، پىچاقلىق ياش قولغا ئېلىنغان.
مەلۇم بولۇشىچە، خې جۈنياۋ دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان بولۇپ، يارىسى يېنىك ئىكەن. خوڭكوڭ دائىرىلىرى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، زوراۋانلىق قىلمىشلىرىغا سۈكۈت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خوڭكوڭ پالاتا ئەزاسى خې جۈنياۋ ئىزچىل كومپارتىيەنى قوللاپ كەلگەنلەردىن بىرى بولۇپ، نەچچە كۈن بۇرۇن ئەنگلىيەنىڭ ئانگلىيا رۇسكىن ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇنىڭغا بېرىلگەن پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋاننى بىكار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
بىلدۈرۈلۈشىچە، نۆۋەتتە ھۇجۇم قىلغان كىشىگە ئالاقىدار تەكشۈرۈشلەر باشلانغان.

بۇ خەۋەر 803 قېتىم كۆرۈلدى
06/11/2019 14:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق