ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدا شەرقىي تۈركىستان تونۇشتۇرۇلدى

ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدا شەرقىي تۈركىستان تونۇشتۇرۇلدى
تۈنۈگۈن ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ھەرىكەت ۋە ئادالەت كۇلۇبىدا مەخسۇس شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
پائالىيەتنى شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى بىرلىكتە تەشكىللىدى.
پائالىيەتتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى، ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىپ، ئىسلامدىن ۋە مىللىي مەدەنىيىتىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىغانلىقى، شۇ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مەدەنىيىتىنى يوقىتىش ئۈچۈن قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقانلىقى تەپسلىي تونۇشتۇرۇلدى.
پائالىيەتتە يەنە شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلغان رەئسىم كۆرگەزمىسى ئورۇنلاشتۇردى.
كۆرگەزمىگە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مەدەنىيىتى، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش ۋە قىرغىن قىلىش جىنايىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن سۈرەتلەر قويۇلدى.

 

بۇ خەۋەر 1531 قېتىم كۆرۈلدى
02/11/2019 16:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق