تىرامپنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش ھەققىدە قانۇن لايىھەسى ئوتتۇرىغا چىقتى

تىرامپنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش ھەققىدە قانۇن لايىھەسى ئوتتۇرىغا چىقتى
1-دېكابىر ئامېرىكا ئاۋازى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى 196 گە قارشى 232 ئاۋاز بىلەن پىرېزىدېنت دونالد تىرامپنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش نىشان قىلىنغان قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىغان.
خەۋەردە دېموكراتچىلارنىڭ كونتروللۇقىدىكى ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى نانسى پېلوسى رەھبەرلىكىدە سۇنۇلغان قانۇن لايىھەسى تىرامپنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش رەسمىيەتلىرىنى، بۇ مەسىلە بىلەن ئالاقىسى بار ئەمەلدارلارنىڭ ئاۋام پالاتاسى ئاخبارات ئىشلىرى كومىتېتىدا خەلقكە ئوچۇق-ئاشكارا مەلۇمات بېرىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى، قانۇن بويىچە كومىتېتلارنىڭمۇ ئوچۇق ۋە يېپىق يىغىنلار ھەققىدە ئاۋام پالاتاسى ئەدلىيە كومىتېتىغا مەلۇمات بېرەلەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
تىرامپ تىۋىتتېر ھېساباتىدا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنىسكى بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىنىڭ خاتىرىسىنىڭ ئېلان قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىرگە، بۇ ۋەقەنى «ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ تىراگېدىيە» دەپ ئاتىغان.
ئاقساراي بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، تىرامپنىڭ قىلچە خاتا ئىش قىلمىغانلىقىنى، بۇنىڭ دېموكراتچىلارغىمۇ بەش قولدەك ئايان ئىكەنلىكىنى، نانسى پېلوسى ۋە دېموكراتچىلارنىڭ قانۇنسىز قىلمىشىنىڭ پەقەت تىرامپنىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئامېرىكا خەلقىنىمۇ قاتتىق رەنجىتكەنلىكىنى، تىرامپنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش نىشان قىلىنغان بۇ لايىھەنىڭ ئادالەتسىزلىك، قانۇنسىزلىق ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ قائىدە-نىزاملىرىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 712 قېتىم كۆرۈلدى
02/11/2019 16:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق