خوڭكوڭ ساقچىلىرىنىڭ مۇخبىرلارغا توسقۇنلۇق قىلىشى نارازىلىق قوزغىدى

خوڭكوڭ ساقچىلىرىنىڭ مۇخبىرلارغا توسقۇنلۇق قىلىشى نارازىلىق قوزغىدى
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسى تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خوڭكوڭ ساقچىلىرىنىڭ زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ساقچى دائىرىلىرى ۋە مۇخبىرلار ئارىسىدىكى توقۇنۇش كۈچىيىشكە باشلىغان.
دۈشەنبە خوڭكوڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مەلۇم بىر مۇخبىر ئورنىدىن تۇرۇپ، خوڭكوڭ ساقچىلىرىنىڭ نامايىش جەريانىدا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى، مۇچ پۈركۈگۈچ، كۈچلۈك نۇر قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق مۇخبىرلارنى تارقىتىۋەتكەنلىكىنى، قالايمىقان تۇتقۇن قىلغانلىقىنى، زىيارەتلىرىگە توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەن، شۇنداقلا يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان مۇخبىرلارنى يىغىننى تاشلاپ چىقىپ كېتىش ئارقىلىق نارازىلىق بىلدۈرۈشكە چاقىرغان.
ساقچىلار مۇخبىرنى يىغىندىن چىقىپ كېتىشكە بۇيرۇغان ۋە قالايمىقانچىلىق سەۋەبىدىن يىغىننى يېرىم سائەت توختىتىشقا مەجبۇر بولغان.
بۇ قېتىملىق يىغىندىكى قالايمىقانچىلىق يەكشەنبە كۈنىدىكى نامايىش بىلەن ئالاقىدار بولۇپ، ساقچىلار ئۇ كۈنى بىر قىسىم مۇخبىرلارنىڭ زەھەرلىك گازدىن قوغدىنىش ماسكىسىنى قوپاللىق بىلەن تارتىپ ئېلىۋەتكەن، بىر نەچچە مۇخبىر ساقچىلار تەرىپىدىن يارىلاندۇرۇلغان، بىر قىسىم مۇخبىرلار يەنە ساقچىلارنىڭ رېزىنكە ئوق، مۇچ پۈركۈگۈچ قاتارلىق قوراللار بىلەن ھۇجۇم قىلىشىغا ۋە ھاقارىتىگە ئۇچرىغان.
خوڭكوڭ مۇخبىرلار بىرلەشمىسى ۋە فوتوگرافلار بىرلەشمىسى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىق ۋاسىتىسى بىلەن مۇخبىرلارنىڭ خىزمىتىگە، پىكىر ئەركىنلىكىگە توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن، شۇنداقلا ساقچى دائىرىلىرىنىڭ نىقاپ چەكلەش قانۇنىدىن قالايمىقان پايدىلىنىپ، زىيارەتكە توسقۇنلۇق قىلىش قىلمىشلىرىنى دەرھال توختىتىشىنى تەلەپ قىلغان.

بۇ خەۋەر 651 قېتىم كۆرۈلدى
29/10/2019 16:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق