كاراتالدا شەرقىي تۈركىستان تونۇشتۇرۇلدى

كاراتالدا شەرقىي تۈركىستان تونۇشتۇرۇلدى


شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ۋەھشى باستۇرۇشلىرى داۋا سېپىدىكى چوڭلارنىلا ھەرىكەتلەندۈرمەستىن، ھەرقايسى مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىمىزمۇ ۋەتىنىمىزنىڭ ئېچىنىشلىق زۇلۇمىنى ئۆزلىرى ئوقۇۋاتقان مەكتەپلەردە ئاڭلاتماقتا.
شۇنىڭ جۈملىسىدىن 23 - ئۆكتەبىر كۈنى ئىستانبۇلنىڭ كاراتال رايونىدىكى سەلچۇق ئەرئايدىن ئانادولۇ ئىمام خەتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتىۋىدە چوڭ تىپتا شەرقىي تۈركىستاننى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى.
پائالىيەت "شەرقىي تۈركىستان قان يىغلاۋاتىدۇ" تېمىسىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئائىشە فازىل ۋە ئۇنىڭ دوستلىرىنىڭ يېقىندىن ھەمكارلىشىشى، مەكتەپ مۇدىرلىقىنىڭ قوشۇلۇشى ۋە مەسئۇل ئوقۇتقۇچى تۇغبا خانىمنىڭ يېقىندىن ھەمكارلىىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مەكتەپتىكى پۈتۈن ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا - ئانىلارنىڭ قاتنىشىشىدا داغدۇغىلىق ئېلىپ بېرىلدى.
پائالىيەتتە ئائىشە فازىل ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمى ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن، ھەرخىل شېئىر - ماقالىلەرنى ئوقۇپ ئىنتايىن سورۇندىكى ھەممەيلەننى تەسىرلەندۈردى.

بۇ خەۋەر 1695 قېتىم كۆرۈلدى
25/10/2019 16:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق