قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن خىتاي ئەمەلدارلىرى ئاشكارىلاندى

قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن خىتاي ئەمەلدارلىرى ئاشكارىلاندى

بۈيۈك دەۋر تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى سەۋەبلىك ئامېرىكىنىڭ جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئەمەلدارلارنىڭ تىزىملىكى ئاشكارىلانغان.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىر نەچچە كۈن بۇرۇن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلىشقا قاتناشقان بىر قىسىم ئەمەلدارلارنى جازالايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. قارا تىزىملىككە كىملەرنىڭ كىرگۈزۈلگەنلىكى ھەرقايسى تاراتقۇلار قىزىقىۋاتقان مەسىلە بولۇپ، يېقىندا بۇلارمۇ ئاشكارىلانغان.
كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەنلەر توققۇز كىشى بولۇپ، ئاتالمىش «ئاپتونۇم رايون»نىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، «ئاپتونۇم رايون»لۇق خەلق قۇرۇلتىيى مۇدىرى شەۋكەت ئىمىن، مۇئاۋىن مۇدىرى جۇ خەيلۈن، پارتكوم سېكرىتارى چېن چۈەنگو، ھەربىي دىۋىزىيە سېكرىتارى سۈن جىنلوڭ، مەركىزىي بىرلىكسەپ 9-قىسىمنىڭ (ئاتالمىش «شىنجاڭ» قىسمى) مۇئاۋىن باشلىقى خۇ ليەنخې، «ئاپتونۇم رايون»نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە ھەربىي دېۋىزىيە قوماندانى پېڭ جيارۈي، «شىنجاڭ» قوراللىق قىسىم باش قوماندانى جوۋ جيەنگو، قوراللىق قىسىم قورال-ياراغ بۆلۈمى باشلىقى گۈەن يەنمى (سابىق ھەربىي قىسىم قوماندانى) قاتارلىقلار ئىكەن.
جازا تەدبىرىگە ئاساسەن، بۇ كىشىلەرنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشى چەكلىنىپ، مال-مۈلكى توڭلىتىلىدۇ، شۇنداقلا ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمۇ تەسىرگە ئۇچرايدۇ. مەسىلەن: شۆھرەت زاكىرنىڭ كۆپلىگەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئامېرىكا ۋە گېرمانىيەدە ئىكەنلىكى، باشقا ئەمەلدارلارنىڭمۇ ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيەدە نۇرغۇن ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بارلىقى ئاشكارىلانغان.
خىتاي دائىرىلىرى ئامېرىكىنىڭ بۇ قارارىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن بولۇپ، ئانالىزچىلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كېيىنكى قەدەمدە تېخىمۇ كۆپ ئەمەلدارنىڭ قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلۈشىدىن، بۇ جازا تەدبىرى سەۋەبلىك جازا لاگېرى مەسىلىسىدە دۇنيا جامائەتلىكىنىڭ تېخىمۇ دىققىتىنى تارتىپ قېلىشىدىن، شۇنداقلا خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۆز كېيىنلىكىدىن ئەنسىرەپ، كومپارتىيەدىن يۈز ئۆرۈشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 1444 قېتىم كۆرۈلدى
21/10/2019 22:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق