قىرغىزىستاندا يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئاشكارىلاندى

قىرغىزىستاندا يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئاشكارىلاندى

19- ئۆكتەبىر قىرغىزىستاندىكى  svodka تورى بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بىلدۈرۈلىشىچە، قىرغىزىستاندا يوقاپ كەتكە تىجارەتچى غوپۇر ئابدۇراھمان ئۆلتۈرۈلۈپ كۆمىۋېتىلگەنلىكى ئاشكارا بولدى.

قىرغىزىستان ساقچى تەرەپ مەرھۇم غۇپۇر ئابدۇراھمان ھەققىدە مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، دىلو بىلەن مۇناسىۋىتى بار دەپ قارالغان بىر قانچە كىشى 18- ئۆكتەبىر تۇتۇلغانلىقى، گۇماندارلارنىڭ ئىقرار قىلىشى بىلەن غۇپۇر ئابدۇراھماننى گۆرۆگە ئېلىش، ئۆلتۈرۈشكە چېتىشلىق 8 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر كىشىنىڭ قازاقىستانلىق ئىكەنلىكى، باشقلارنىڭ ھەممسى قىرغىزىستانلىق ئىكەنلىكى، جىنايەتچىلەر جىنايىتىنى يۇشۇرۇش ئۈچۈن غۇپۇر ئابدۇراھماننىڭ ماشىنىسىنى ئاللابۇرۇن  قارا رەڭدە بۇياپ باشقىلارغا سېتىۋەتكەنلىكى، زاڭ مالنى سېتىۋالغانلارنىڭمۇ قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

غوپۇر ئابدۇراھمان 4- ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن شۇ جاي ۋاقتى سائەت ئالتە ئەتراپىدا قىرغىزىستاننىڭ مەدىنە بازىرىدىن ماشىنا بىلەن چىقىپ كەتكەن. شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇنىڭ قەيەرگە بارغانلىقى، نەدە ئىكەنلىكى ھەممىگە سىر بولۇپ قالغان. ئەتىسى ئۇنىڭ دوستلىرى رايونلۇق ھۆكۈمەتكە مەلۇم قىلىپ، ئىز-دېرىكىنى قىلغان بولسىمۇ، بىراق رايونلۇق ھۆكۈمەتمۇ ئۇنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋىرى يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

 

بۇ خەۋەر 3644 قېتىم كۆرۈلدى
19/10/2019 18:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق