خىتاينىڭ زۇلۇمى سەۋەبلىك قازاقىستانغا قاچقان ئىككى قازاق قولغا ئېلىندى

خىتاينىڭ زۇلۇمى سەۋەبلىك قازاقىستانغا قاچقان ئىككى قازاق قولغا ئېلىندى

بىر نەچچە كۈن بۇرۇن خىتاينىڭ زۇلۇمى سەۋەبلىك بەش كۈن پىيادە مېڭىپ، قازاقىستانغا بېرىپ پاناھلىق تىلىگەن كاسكەر مۇساخان ۋە مۇراگەر ئالىم ئوغلى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايەتلىرى ھەققىدە ئاخبارات يىغىنلىرىدا گۇۋاھلىق بېرىۋاتقان ۋە خەلقئارالىق تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ كەلگەن ئىدى.
بۈگۈن ئۇلار قازاقىستاندىكى كۆچمەنلەر ئىشخانىسىغا ئىلتىماس ئۈچۈن بارغاندا دۆلەت بىخەتەرلىك ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، ھەربىيلەر قوغداۋاتقان بىر بىناغا نەزەربەند قىلىنغان.
ئاتا يۇرت كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ، چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچكىچە ھېچكىمنىڭ كۆرۈشۈشكە يول قويۇلمىغانلىقىنى، سائەت ئۈچتىن كېيىن پەقەت ئادۋوكاتى بىلەنلا كۆرۈشۈشكە رۇخسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
نۆۋەتتە بۇ ھەقتە داۋاملىق ئۇچۇر ئىگىلەنمەكتە.

بۇ خەۋەر 684 قېتىم كۆرۈلدى
15/10/2019 14:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق