خىتاي ئۇيغۇرلارنى سۈرگۈن قىلىشقا قايتا سەپەرۋەر قىلدى

خىتاي ئۇيغۇرلارنى سۈرگۈن قىلىشقا قايتا سەپەرۋەر قىلدى

9-ئۆكتەبىر خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇرۇشلۇق ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىن ئاتالمىش «يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىشقا قايتا سەپەرۋەر قىلغان.
خەۋەردە خىتاينىڭ يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئوبلاست، ۋىلايەتلەرنىڭ ھەر بىر يېزا-كەنتلىرىگىچە ئومۇميۈزلۈك ۋە داۋاملىق ئېلىپ بېرىش ئىكەنلىكى، بۇ يىل 9‏-ئايغا قەدەر قەشقەر، خوتەن، قىزىلسۇ، ئاقسۇ قاتارلىق ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىن 245 مىڭ كىشىنى باشقا جايلارغا سۈرگۈن قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
يېقىنقى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى 2017‏-يىلى 2‏-ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، تەخمىنەن ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى جازا لاگېرلىرىغا قامىغاندىن كېيىن، لاگېر سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئاتالمىش «يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن.
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇۋانى «شىنجاڭ گېزىتى» خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتاندىكى قورچاق ئورگانلىرى ئوبلاست، ۋىلايەتلەردە ئاتالمىش «يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدىكى سۈرگۈن قىلىش ھەرىكىتىدە دۈچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىپ، سۈرگۈن قىلىشنى ئەمگەك كۈچى بار ئائىلىلەرگە قەدەر ئومۇملاشتۇرۇشقا سەپەرۋەرلىك قىلغان. شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە ئادەم كۈچى بايلىقى تارماقلىرى كارخانىلار بىلەن توختام تۈزگەن. بىر قىسىم خەلق ئۆز رايونىدىكى باشقا ئورۇنلارغا، بىر قىسمى باشقا رايونغا، يەنە بىر قىسمى خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىنغان.
خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى خاۋيۈي توقۇمىچىلىق ھەسسىدارلىق شىركىتى، جىكاڭدا قەغەزچىلىك ھەسسىدارلىق شىركىتى، جوڭتەيشىڭ بىئوخىمىيە تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قاتارلىق كارخانىلىرى ئۇيغۇرلارنى سۈرگۈن قىلىشتا يەرلىك دائىرىلەر بىلەن ھەمكارلاشقان.

بۇ خەۋەر 1528 قېتىم كۆرۈلدى
10/10/2019 15:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق