شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى مۇھىم يىغىن ئۇيۇشتۇردى

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى مۇھىم يىغىن ئۇيۇشتۇردى
05 - ئۆكتەبىر ئىستانبۇلدا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى تەرىپىدىن: "ئىسلام فىقھىسىدا يولدىشى يوقاپ كەتكەن، تۇتقۇن قىلىنغان، ئىز - دىرىكى بولمىغان ئايالنىڭ نىكاھ مەسىلىسى" تېمىسىدا مۇھىم يىغىن ئۇيۇشتۇرۇلدى.
يىغىن ئىستانبۇلغا جايلاشقان ساباھەتتىن زائىم ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ كۆپ سانلىق ئەزالىرى قاتناشتى.
يىغىندا مەزكۇر تېما ئاساسىدا يەرلىك ۋە چەتئەللىك داڭلىق ئالىملار سۆز قىلدى.
يىغىنغا چاناققەلئە ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلاھىيەت فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوتسىنت دوكتور نۇرئەھمەت قۇربان رىياسەتچىلىك قىلدى.
قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلانغان يىغىن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى مۇئاۋىن رەئىسى ئۇستاز سىراجىدىن ئەزىزىنىڭ ئېچىلىش سۆزى بىلەن داۋام قىلدى.
ئارقىدىن دوكتور ئالىمجان بۇغدا؛ "بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئەرلىرى يوقاپ كەتكەن ياكى ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئاياللارنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى ھەققىدە" توختالدى.
كېيىن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى ۋەكىلى ماھمۇدجان داموللام؛ "ئەرلىرى يوقاپ كەتكەن ئاياللارنىڭ ئىسلام قانۇنىغا كۆرە ئاجرىشىش مەسىلىسى ھەققىدە" قىسقىچە مەلۇمات بەردى.
ئارقىدىن پروفېسسور دوكتور جەلال ئەرباينىڭ رىياسەتچىلىكىدە يىغىننىڭ رەسمى بۆلۈمى باشلاندى.
سەھنىدىكى ئۇستازلاردىن مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور مەھمەت ئەردوغان، مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور كەمال يىلدىز، ساجىيە مەدرىسىسى ئىسلامى بىلىملەر تەتقىقات جەمئىيىتى رەئىسى دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، سۈرىيە ئالىملار بىرلىكى باش كاتىپى دوكتور ئەھمەد سەئىد ھەۋۋا، دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى ھەيئەت ئەزاسى دوكتور ۋەسفى ئەبۇ زەيد، ئىراق ئالىملار بىرلىكى ھەيئەت ئەزاسى دوكتور ئابدۇلھەمىد ئەلئانى، چەتئەلدىكى پەلەستىن ئالىملار بىرلىكى رەئىسى دوكتور نەۋۋاف ئەتتەكرۇرى قاتارلىق ئالىملار بىر - بىرلەپ تېما ھەققىدە سۆز قىلدى.
يىغىن خۇلاسىسىدە بۇ مۇھىم مەسىلىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى پەتىۋا ھەيئىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرساھە مۇتەخەسسىسلىرىدىن تەشكىل تاپقان مەخسۇس ھەيئەتنىڭ ئەتراپلىق ئىستىشارە قىلىشى نەتىجىسىدە، ھەربىر ۋەقەلىككە ئايرىم قارار چىقىرىلىشى خۇسۇسىدا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىندى.

بۇ خەۋەر 1850 قېتىم كۆرۈلدى
07/10/2019 17:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق