ئۇيغۇرلار خىتاي بايرىمىنى تەبرىكلەشكە مەجبۇرلاندى

ئۇيغۇرلار خىتاي بايرىمىنى تەبرىكلەشكە مەجبۇرلاندى

30-سېنتەبىر تەڭرىتاغ تورى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، شەرقىي تۈركىستان خەلقى خىتاي قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خىتايچە ئەنئەنە بويىچە تەبرىكلەشكە مەجبۇرلانغان.
خەۋەردە شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر، ئۈرۈمچى، خوتەن، كورلا قاتارلىق جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئۆيىنىڭ ئالدىغا خىتاينىڭ قىزىل بايرىقىنى ۋە خىتايچە خەتلىك قىزىل پانۇسلارنى ئېسىشقا، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ مەڭزىگە بىر تۇتاش خىتاي بايرىقىنى تامغا شەكىلدە بېسىشقا، يەنە بەزى جايلاردا بولسا خىتاينىڭ ئاتالمىش «ئىنقىلابىي قۇربانلىرى»نىڭ قەبرىسىگە گۈلچەمبىرەك قويۇشقا مەجبۇرلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ 70 يىلدىن بېرى ھەر خىل يۇمشاق ۋە قاتتىق ۋاسىتىلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خىتاينى ئېتىراپ قىلىشقا، ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىقىدىن ۋاز كېچىشكە قىستاپ كەلگەن بولسىمۇ مەقسىتىگە يېتەلمىگەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىدە خىتايغا قارشى ئويغىنىشنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى، ئۆسمۈرلەرنىڭ يۈزىگە خىتاي بايرىقىنى چاپلىيالىسىمۇ، ئۇلارنىڭ قەلبىگە مەڭگۈ چاپلىيالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

بۇ خەۋەر 1143 قېتىم كۆرۈلدى
02/10/2019 17:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق