پرىزدېنت ئەردوغان پارلامىنت ئېچىلىش نۇتقىدا تۈركىستاننى تىلغا ئالدى

پرىزدېنت ئەردوغان پارلامىنت ئېچىلىش نۇتقىدا تۈركىستاننى تىلغا ئالدى

01 - ئۆكتەبىر تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بۈيۈك مىللەت مەجلىسى يەنى پارلامىنتىنىڭ 27 - قېتىملىق ئېچىلىش پروگراممىسىغا قاتناشقان پرىزدېنت ئەردوغان ئېچىلىش نۇتقىدا مۇھىم سۆزلەرنى قىلدى.

ئۇ سۆزىدە تۈركىيەنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى دۈشمەنلىكلەرگە ئەسلا قاراپ تۇرىغان ئاجىز دۆلەت ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ، تۈركىيەنى تىز چۆكتۈرۈش ئۈچۈن ئوينىلىۋاتقان ئويۇنلارنى بۇزۇپ تاشلايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ سۆزىدە يەنە سۈرىيەگە پەرۋاسىز قالالمىغىنىدەك، پەلەستىنگە، لىۋىيەگە، پاكىستانغا، ئافغانىستانغا، ئاراكانغا، تۈركىستانغىمۇ پەرۋاسىز قالالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ؛ ئىراقنى، ئىراننى كۆرمەسكە سالالمىغاندەك، ئەزەربەيجاندىن - قازاقىستانغىچە، ئۆزبەكىستاندىن-تۈركمەنىستانغىچە، قىرغىزىستاندىن - قىرىمغىچە بولغا ئاسىيا جۇغراپىيىسىدىكى ھەرقانداق تۇپراقنى كۆرمەسكە سالالمايمىز.

سىيپرۇستىكى، گىرىتسىيەدىكى، بۇلغارىيەدىكى ئىرقداشلىرىمىزنىڭ ھەقلىرىنى قوغداش قانداق ۋەزىپىمىز بولسا، پۈتۈن بالقان ۋە ياۋرۇپا جۇغراپىيىسىگە ئوخشاش كۆز بىلەن قاراش مەجبۇرىيىتىمىزدۇر.

سۈرىيە خەلقى رېجىم ۋە تېرورچىلارنىڭ بومبىلىرىدىن قېچىپ بىزگە ئىلتىجا قىلغاندا، چېگرالىرىمىزنى تاقاشنى ئەسلا ئويلاپ باقمىدۇق. ئوتتۇرا ئاسىيادىن، تۈركىستاندىن،  قاۋقازلاردىن، بالقانلاردىن، شىمالى ئافرىقىدىن كەلگەن ئىرقداشلىرىمىزنى، دوستلىرىمىزنى دائىم باغرىمىزغا باستۇق دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا يەنە تەخمىنەن سەككىز يىلدىن بۇيان تۈركىيەدە مۇساپىر بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئۈچ يېرىم مىليوندىن ئارتۇق سۈرىيە خەلقىنىڭمۇ ئۆز ۋەتەنلىرى بارلىقىنى، ئۇلارنى مەڭگۈ تۈركىيەدە قالدۇرۇش نىيىتىنىڭمۇ يوقلىقىنى، شۇنداقلا ئاخىرقى يىللاردا سۈرىيە تەرەپتىن تۈركىيەگە قارشى تېرور تەھدىتىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ئەھۋالنىڭ تۈركىيەنى سۈرىيە مۇھاجىرلىرى ئۈچۈن ئۇرۇشتىن خالى تىنىچ رايون بەرپا قىلىشقا مەجبۇر قىلغانلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە چوقۇم قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بۇ خەۋەر 682 قېتىم كۆرۈلدى
02/10/2019 17:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق