قازاقىستان پىرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايوف ئىستېپا بەردى

 

19-مارت ئاناتولىيە ئاگېنتلىقى بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستان پىرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايوف ئىستېپا بەرگەن.
ئۇ ئىستېپا نۇتقىدا ئۆزىنىڭ مۇستەقىل قازاقىستاننىڭ باش كۆتۈرۈشى ئۈچۈن تېگىشلىك روللارنى ئوينىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىسلاھات ئىشلىرىنى يېڭى بىر ئەۋلاد رەھبەرلىك قاتلىمىغا تاپشۇرۇپ بەرمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، بىراق ئۆزىنىڭ نېمە سەۋەبتىن ئىستېپا بەرگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن. 
ئىچكى ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستان پارلامېنتى يۇقىرى پالاتاسىنىڭ رەئىسى، قازاقىستاننىڭ سابىق باش مىنىستىرى قاسىم جومارت توقايوف 20-مارتتىن باشلاپ قازاقىستانغا ۋاقىتلىق پىرېزىدېنت بولىدىكەن. 
توقايوفنىڭ ئىلگىرى بېيجىڭدا خىتايچە ئۆگەنگەنلىكى ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسىدا ئۇزۇن مەزگىل ئىشلىگەنلىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتقان. 
نۇرسۇلتان نەزەربايوف 1940-يىلى قازاقسىتاننىڭ كاسكېلېن شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1989-يىلى قازاقىستان كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى بولغان. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، 1991-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى ٪98.7 ئاۋاز بىلەن قازاقىستان پىرېزىدېنتى بولۇپ سايلانغان.

بۇ خەۋەر 6480 قېتىم كۆرۈلدى
20/03/2019 17:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق