ئىيى پارتىيە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا ئېتىراز بىلدۈردى

ئىيى پارتىيە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا ئېتىراز بىلدۈردى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەب تاييىپ ئەردوغاننىڭ ب م ت نىڭ 74 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە مەزلۇم تۇپراقلارنىڭ ھەممىسىنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ شەرقىي تۈركىستاننى تىلغا ئالمىغانلىقى ئۈچۈن ئىيى پارتىيە ئىستانبۇل مىللەت ۋەكىلى ۋە پارتىيە باياناتچىسى ياۋۇز ئاغىر ئەلى ئوغلۇ تۆنۈگۈن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى.

ئۇ باياناتىدا رەئىس ئەردوغاننىڭ پۈتۈن مەزلۇملارنى ئۇنتۇماستىن تىلغا ئېلىپ شەرقىي تۈركىستان ۋە قىرىم تۈركلىرىنى تىلغا ئالمىغانلىقىنى ئىنتايىن قورقۇنچلۇق خاتادۇر. ئەسلا توغرا قارىمايمىز! دېدى.

ئۇ سۆزىدە يەنە ئۆزى شۇنچە ئېھتىياجلىق ئىچىدە تۇرۇپمۇ پۈتۈن دۇنيادىن كەلگەن بىچارە مەزلۇملارنىڭ پاناھگاھى بولۇپ كېلىۋاتقان تۈرك يۇرتىنىڭ، ئۆز يېمەك - ئىچمەكلىرىنى، ئۆز بالىلىرىغىمۇ يەتمەيدىغان تامىقىنى دۇنيانىڭ ھەر يېرىدىن كەلگەن مۇھاجىرلار بىلەن بۆلۈشكەن بۇ مىللەتنىڭ ئىگە چاقىسزلىقى بىزنىڭ ھىجران سەۋەبىمىزدۇر.

شەرقىي تۈركىستاندا خىتاينىڭ باستۇرۇشى ئاستىدا ئېغىر زۇلۇم تارتىۋاتقان ئىرقداشلىرىمىز تارتىۋاتقان ئەزىيەتلەر ھەققىدە ب م ت دا سۆز قىلغىلى بولمامتى؟

ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىس دۇنيا 5 تىن چوڭ دېگەندە، بۇ بەشنىڭ ئىچىدە خىتاي يوقمۇ؟

شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقداشلىرىمىزنىڭ، قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ب م ت دا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن بىز سىلەرنىڭ تارتىۋاتقانلىرىڭلارغا شاھىدمىز دېگەن ساداغا ئېھتىياجى يوقمۇ؟

ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسى بۇنداق بىر جۈملە سۆز قىلىشتىن قانداق سەۋەب بىلەن ئۆزىنى تارتتى؟

ئەگەر بۇ بىر دىققەتسىزلىك بولسا، بۇ دىققەتسىزلىك دۆلەت ئىدارە قىلىش جىددىيىتى بىلەن قانداقمۇ ماسلاشسۇن؟

ئەگەر بۇ ئىقتىسادى مەنپەئەت سەۋەبلىك ئۈنىمىزنى چىقارمىغان بولساق، سۈرىيەلىكلەرگە 40 مىليارد دوللار چىقىم قىلدۇق دەپ ئەنسار مۇھاجىر سۆزىنى ئىشلىتىپ مەسئۇلىيىتىمىزنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈركلەر ئەنسارنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسىگە كىرمەمدۇ؟

مەسىلە تۈركلەر بولغاندا مەسئۇلىيىتىنى ئىپادىلەيدىغان ئورۇنغا چىققاندا تۈرك دۆلىتىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى تۈركلەر ئۈچۈن ئىپادە بايان قىلىشتىن نېمە ئۈچۈن ئۆزىنى تارتىدۇ؟

بۇنى چۈشىنىش ھەقىقەتەن مۇمكىن ئەمەس. دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر 654 قېتىم كۆرۈلدى
26/09/2019 15:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق