فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسى: خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئۇقۇمىنى ئۆزگەرتىۋەتتى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسى: خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئۇقۇمىنى ئۆزگەرتىۋەتتى
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسى تورىنىڭ بۈگۈن ئېلان مۇلاھىزىسىدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۆز جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، كىشىلىك ھوقۇق ئۇقۇمىنى قالايمىقان ئۆزگەرتىپ، ئۆز مەيلىچە تەبىر بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
خىتاي دائىرىلىرى بۇندىن نەچچە كۈن بۇرۇن خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئاق تاشلىق كىتابىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، كوممۇنىستىك پارتىيە ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بۇيانقى 70 يىلدا خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقتىن تولۇق بەھرىمەن بولۇپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ خىتايدا يۈرگۈزۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى تۈپەيلىدىن خەلقئارادا قاتتىق تەنقىدكە ئۇچراۋاتقان بىر پەيتتە يەنە كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدە ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىشى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە كىشىلىك ھوقۇق ئۇقۇمىنى قالايمىقان ئۆزگەرتىۋەتكەنلىكىنى، شۇڭا بۇ ھەقتە تارتىنماي سۆزلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەزكۇر ئاق تاشلىق كىتابتا خەلقنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى، نەشرىيات-تاراتقۇ ئەركىنلىكى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى قاتارلىق مەسىلىلەردىن ئەگىپ ئۆتۈپ كېتىلگەن. خىتاي دائىرىلىرى كىشىلىك ھوقۇق ئۇقۇمىغا قايتىدىن تەبىر بېرىپ، ياشاش ھوقۇقى ۋە تەرەققىيات ھوقۇقىنىڭ ئەڭ مۇھىم ھوقۇق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ۋە بۇ ئارقىلىق خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 70 يىلدىن بۇيان خەلقنىڭ كۈنىنى ياخشىلاپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەنلىكىنى، بۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
چەتئەلدىكى تور ئەھلى بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، خەلقنىڭ قورسىقى تويسىلا بولدى دەيدىغان قاراشنىڭ تولىمۇ بىمەنە ئىكەنلىكىنى، ئىنسانلارنىڭ يەنە باشقا ئاساسىي ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭمۇ كاپالەتكە ئىگە بولۇشى كېرەكلىكىنى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان قىممەت قاراشلارنى ئىنكار قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي خەلق تورىنىڭ چەتئەلدىكى تور بېتىمۇ قىلچە تەپتارتماستىن: «خىتاينىڭ 70 يىللىق تەرەققىياتى كىشىلىك ھوقۇق ئۇقۇمىغا قايتىدىن تەبىر بەردى» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 674 قېتىم كۆرۈلدى
25/09/2019 14:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق