ئەردوغان ئامېرىكىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن تېخىمۇ پەرقلىق ئىش قىلالايدىغانلىقىنى ئېيتتى

ئەردوغان ئامېرىكىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن تېخىمۇ پەرقلىق ئىش قىلالايدىغانلىقىنى ئېيتتى
ئامېرىكىدا رەسمىي زىيارەتتە بولۇۋاتقان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى پرىزدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۆنۈگۈن 22 - سىنتەبىر ئامېرىكىدىكى تۈركەن ئۇيۇشمىسى ئورۇنلاشتۇرغان بىر يىغىندا ئوغۇزخان ئەنۋەر تۇرانىنىڭ شەرقى تۈركىستان ھەققىدە سورىغان سۇئالىغا دۇچ كەلدى.
ئۇ سۇئالىدا: ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىق ئىكەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغانلىقىنى ۋە ئەردوغاننىڭ بۇنى بىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بولۇپ، ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا ئۈچ مىليوندىن 5 مىليونغىچە ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركلەرنىڭ خىتاي جازا لاگىرلىرىدا ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ خىتاي تەرىپىدىن ئۆز كىملىكلىرىدىن، دىنىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر قىزلارنىڭ خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىنى، ئاتا - ئانىسى تۇتۇپ كېتىلگەن بالىلارنىڭ بولسا ئۇلارنى پۈتۈنلەي خىتاي قىلىپ تەربىيلەش نىشانلانغان بالىلار لاگىرىغا قاماۋاتقانلىقىنى ياكى خىتايلارغا بېرىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئېنىقلا مەدەنىيەت ۋە فىزىكىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە ئەردوغاننىڭ ئىلگىرى ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلغانلىقىنى ۋە خىتايغا قارشى كۈچلۈك گەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھازىرنىڭ ئۆزىدە سىز شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرك قېرىنداشلىرىڭىز ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىۋاتىسىز؟ دەپ سورىدى.
ئەردوغان بۇ سۇئالغا جاۋابەن:
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى پرىزدېنتى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ھەرھالدا ھازىرغىچە شەرقىي تۈركىستاندىن تۈركىيەگە كەلگەنلەر ھەققىدە خەۋىرىڭىز يوق ئوخشايدۇ. شەرقىي تۈركىستاندىن تۈركىيەگە كەلگەن مىڭلارچە قېرىندىشىمىز بار. بىز بۇلارغا داۋاملىق ئىشىكىمىزنى ئاچتۇق ۋە قولىمىزدىن كەلگەن ھەر تۈرلۈك ياردەمنى قىلدۇق. شۇنداقلا ھازىرغىچە خىتاي بىلەن بولغان ئىككى تەرەپ كۆرۈشۈشلىرىمىزدىمۇ بۇ مەسىلە كۈنتەرتىپكە كېلىدۇ. مەن ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەقتە نېمە قىلغانلىقى ھەققىدە توختالمايمەن، ئەمما ئامېرىكا بولۇپمۇ ب م ت ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەسلىدە بۇ مەسىلىنى تېخىمۇ پەرقلىق بىر شەكىلدە كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلەلايدۇ ۋە بۇ سۈپەت بىلەن كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەن بولسا، تېخىمۇ تىز نەتىجە ئېلىش مۇمكىن بولاتتى دەپ ئويلايمەن. ئەلۋەتتە خىتاينىڭ بۇ ھەقتە بىزگە بەزى تەكلىپلىرىمۇ بار. ھەيئەتلەر ئەۋەتىۋاتىدۇ ۋە بىزگە ھەيئەت ئەۋەتىڭلار، سۆزلىنىۋاتقان ئىشلارنى نەق مەيداندا كۆرسۈن دەۋاتىدۇ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىمىزمۇ بۇ ھەقتە تەييارلىقلىرىنى قىلىۋاتىدۇ، شۇنى ئارزۇ قىلىمەنكى، بۇ تەييارلىقلار بىلەن ئۇ يەرگە بارىدىغان ھەيئەتنىڭ تەكشۈرۈشلىرىدىن كېيىن چىققان نەتىجىگە كۆرە تۇتىدىغان پوزىتسىيەمىزنى تېخىمۇ ئېنىق ۋە ئوچۇق شەكىلدە بىلدۈرىمىز. دەپ جاۋاب بەردى.

بۇ خەۋەر 1281 قېتىم كۆرۈلدى
23/09/2019 14:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق