روشەن ئابباس خانىم شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى.

روشەن ئابباس خانىم  شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى.

13-سېنتەبىر ئاكتىپ پائالىيەتچى روشەن ئابباس خانىم نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتىنىڭ زەيتىنبۇرنۇندىكى پائالىيەت ئورنىنى زىيارەت قىلدى.

نۇزۇگۇم جەمئىيىتىنىڭ يېتىملەرگە كېپىل بولۇش خىزمەت گۇرۇپىسىدىكى خانىملارنىڭ خىزمەت ھەققىدە دوكلات بېرىش ۋە مۇھاكىمە يىغىنى ھەمدە نۇزۇگۇم جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچى ئەزالىرى قەرەلىك ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇزاكىرە يىغىنىنىڭ  ئىككىنجى باسقۇچىغا  ئۈلگۈرۈپ يېتىپ كەلگەن روشەن ئابباس خانىم نۇزۇگۇم جەمئىيىتىدە خىزمەت قىلىۋاتقان خانىم _قىزلار بىلەن تونۇشتى. روشەن ئابباس خانىم  نۇزۇگۇم جەمئىيىتىدە ئورتاق نىشاندا قىزغىن خىزمەت قىلىۋاتقان خانىم- قىزلارنى كۆرۈپ بۇ  مەنزىرىدىن تولىمۇ تەسىرلەنگەنلىكىنى  بىلدۈردى.

زىيارەتتە، نۇزۇگۇم جەمئىيىتى ئەزالىرى ۋە شەمشىقەمەر ئارتىش خانىملار روشەن ئابباس خانىمنىڭ بۇنىڭدىن  17 يىل بۇرۇن گۈۋەنتانامۇ تۈرمىسىگە قامالغان ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى ۋە  ھازىرقى شەرقىي تۈركسىتان داۋاسى يولىدا قىلغان ئاكتىپچانلىقىغا رەھمەتلىرىنى بىلدۈردى.

جەمئىيەت قۇرغۇچىلىرى روشەن ئابباس خانىم بىلەن داۋا خىزمەتلىرىدىكى ھەمكارلىقنىڭ ئۆنىمى ۋە رولى ھەققىدە  پىكىر ئالماشتۇردى.

بۇ خەۋەر 2529 قېتىم كۆرۈلدى
14/09/2019 15:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق