سۇتۇق بۇغراخان ۋەخپى ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

سۇتۇق بۇغراخان ۋەخپى ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى
9- سېنەبىر تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپى ئىستانبۇل ساباھەتتىن زائىم ئۇنىۋېرسىتېتىدە ۋەخپە خىزمەتلىرى، يېڭى يىللىق ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى ۋە ئەلاچى ئوقۇغۇچىلارنى مۇكاپاتلاش پائالىيىتى ئېلىپ باردى.
مۇراسىمغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكىدىن ئاتائۇللاھ خەلپەتھاجىم، دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ئۇستاز ئابدۇراھمان جامال، مەھمۇدجان داموللام، ئابدۇرراززاق ئۇچات قاتارلىقلار ۋە زىيالى ئالىملاردىن دوكتور ئەركىن سىدىق، دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرى، دوكتور بۇرھان ئۇلۇغيول ۋە يازغۇچى ئابدۇرېھىم دۆلەت قاتارلىق ئاكادېمىكلار قاتناشتى.
ئۇستازلار بىر - بىرلەپ ئۆزلىرىنىڭ ئوقۇش تەجرىبىلىرىنى، ئوقۇشتا مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشنىڭ يوللىرىنى سۆزلەش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا قىممەتلىك مەلۇمات بەردى.
مۇراىسىمدا يەنە ئوقۇغۇچىلارغا ئىلھام بېرىش ۋە ۋە ئوقۇش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ھازىرغا قەدەر تۈركىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئەلاچى بولۇپ ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا مۇكاپات تارقىتىپ بېرىلدى.

بۇ خەۋەر 1110 قېتىم كۆرۈلدى
10/09/2019 14:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق