ئەسەنيۇرتتا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلدى

 

18-مارت ئەسەنيۇرتتا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلدى.
پائالىيەتنى ئەنسار ۋەقفىنىڭ ئەسەنيۇرت شۆبىسى تەشكىللىگەن بولۇپ، ئەسەنيۇرتتا ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلارمۇ ھەمكارلاشتى. 
پائالىيەتكە شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۈم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتىدىن جەمئىيەت رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم بىلەن تۆت كىشى قاتناشتى. پائالىيەتتە رۇقىيە پەرھات خانىم شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي تۈرمىلىرىدە كۆرگەنلىرىنى، خىتاينىڭ تۈرمىدىكى مەھبۇسلارغا قىلىۋاتقان ئىنسان قېلىپدىن چىققان زۇلۇملىرىنى تونۇشتۇردى.
پائالىيەتتە يەنە مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم سۆز قىلىپ، ئاۋۋال شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى ۋە جۇغراپىيەلىك ئورنىنى قىسقىچە چۈشەندۈردى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش، ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىش قاتارلىق جىنايەتلىرىنى تەپسىلىي تونۇشۇردى.

بۇ خەۋەر 1377 قېتىم كۆرۈلدى
19/03/2019 16:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق