خوڭكوڭ نامايىشچىلىرىنىڭ رەھبىرى خۇاڭ جىفېڭ: تەيۋەنلىكلەر بىزنى قوللاپ نامايىش قىلىشى كېرەك

خوڭكوڭ نامايىشچىلىرىنىڭ رەھبىرى خۇاڭ جىفېڭ: تەيۋەنلىكلەر بىزنى قوللاپ نامايىش قىلىشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا ئۇدا بىر نەچچە ئايدىن بۇيان جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش قانۇن لايىھەسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلىپ ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان نامايىشلارنىڭ باشلامچىلىرىدىن خۇاڭ جىفېڭ تەيۋەنلىكلەرنىڭمۇ نامايىش ئۆتكۈزۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
تەيۋەن مەركىزىي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خۇاڭ جىفېڭ تەيۋەنلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشۈش ۋە بەزى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش مەقسىتىدە تەيۋەنگە بېرىشنى پىلانلىغان. ئۇ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا خوڭكوڭ بىلەن تەيۋەننىڭ تەقدىرىنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، تەيۋەندىمۇ نامايىشلارنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەكلىكىگە ئىشارەت قىلغان ھالدا: «تەيۋەن كوچا نامايىشلىرى ئارقىلىق خوڭكوڭنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشى كېرەك» دېگەن.
نامايىشلارغا سەۋەب بولغان، جىنايەت گۇماندارلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشكە قولايلىق يارىتىشنى مەقسەت قىلغان قانۇن لايىھەسى 3-ئاپرېلدا پارلامېنتقا سۇنۇلغان بولۇپ، بۇ لايىھە گۇماندارلارنىڭ خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى، ئاۋمىن ئالاھىدە رايونى ۋە تەيۋەنگە قايتۇرۇپ بېرىلىشىنى ئاسانلاشتۇرىدىكەن.
ئۆكتىچىلەر گۇماندارلارنى قايتۇرۇپ بېرىش قانۇنىغا كىرگۈزۈلىدىغان بۇ ئۆزگەرتىشنىڭ خوڭكوڭنىڭ ئەركىنلىكىنى بوغۇپ قويىدىغانلىقىنى تەكىتلىسە، خوڭكوڭلۇق ئەمەلدارلار بىر جىنايەت گۇماندارىنى تەيۋەنگە قايتۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن قانۇنغا بۇ ئۆزگەرتىشنى كىرگۈزۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئەسكەرتكەن.
خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باشلىقى جىنجېڭ يۆئې مەزكۇر لايىھەنىڭ خەلق ئارىسىدا ناھايىتى ئېغىر پىكىر ئىختىلاپى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ لايىھەنىڭ ۋاقتىنچە توڭلىتىپ قويۇلغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. بىراق بۇ قارارنى يېتەرلىك دەپ قارىمىغان نامايىشچىلار لايىھەنىڭ پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلغان.

بۇ خەۋەر 777 قېتىم كۆرۈلدى
05/09/2019 14:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق