خىتاي لاگېرغا تۇتقۇن قىلغان ئاز بىر قسىم كىشىلەرنى ئېتىراپ قىلدى


18- مارت ئانادولۇ ئاگېنتلىقى بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولىشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا 2014- يىلىدىن ھازىرغىچە 13 مىڭ كىشىنى تۇتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە بەرگەن بىر پارچە دوكلاتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، دوكلاتتا خىتاينىڭ 2014- يىلدىن ھازىرغا قەدەر 1558 قېتىملىق تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقى، ھەرىكەتتە 13 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ قانۇنسىز پائالىيەتكە قاتناشقان دېگەن تۆھمەتلەر بىلەن جازالانغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. 
دوكلاتتا يەنە، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتكە قاتناشقان دېگەن، بۆھتان بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ 4858 قېتىملىق دىنىي ئىبادەتلىرىگە قاقشاتقۇچ زەربە بەرگەنلىكىنىمۇ ئېتىراپ قىلغان.

بۇ خەۋەر 4668 قېتىم كۆرۈلدى
19/03/2019 16:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق