جازا لاگېرىدىكى پارىخورلۇق ۋەقەسى ئاشكارىلاندى

جازا لاگېرىدىكى پارىخورلۇق ۋەقەسى ئاشكارىلاندى
خىتاينىڭ زۇۋانى بولغان «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ ئاتالغان جازا لاگېرلىرىدا پارىخورلۇق ۋەقەلىرى بايقىلىپ، ئادەم كۈچى ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق نازارىتى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان.
خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، يۇقىرىغا ساختا دوكلات يوللاپ، ساختىپەزلىك قىلغان 42 ئورۇننىڭ «كەسپىي تەربىيەلەش» سالاھىيىتى بىكار قىلىنغان بولۇپ، ئاتالمىش ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق نازارىتى ئەمەلدارى مۇخبىرغا «تەربىيەلەش مەركىزى»دە باشقۇرۇشنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق بۇ ئەھۋالنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە يەنە سىچۇاڭ ئېلېكترونلۇق تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ قەشقەر شەھىرىدىكى شېنجېن سانائەت باغچىسىدا ئاتالمىش «كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى» قۇرغانلىقى، مەزكۇر شىركەت مەسئۇللىرىنىڭ «شىنجاڭ گېزىتى» مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، يېقىندا ئون كىشىنىڭ ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركىزى»گە ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنى ئاشكارىلىغانلىقى بىدۈرۈلگەن.
خىتاي خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياش ئوچۇن يالغان مەيدانلارنى ياساپ، ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركىزى»دىكى تۇتقۇنلارنىڭ كۆپىنچىسىنى قويۇپ بەرگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر تارقاتقان بولسىمۇ، بىراق جازا لاگېرىدىكى تۇتقۇنلارنىڭ قويۇپ بېرىلمەستىن، ئەكسىچە جەمئىيەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ داۋاملىق تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئاشكارىلانغان.

بۇ خەۋەر 2126 قېتىم كۆرۈلدى
02/09/2019 15:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق