ئايفون ئىشلەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچۇرلىرى ئوغرىلاندى

ئايفون ئىشلەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچۇرلىرى ئوغرىلاندى

ئېنگەجىت (Engadget) تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دائىرلىرى قۇرغان مەلۇم تور بەتنىڭ مەخسۇس ئۇيغۇر ئايفون ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئوغرىلاپ كەلگەنلىكى ئاشكارىلانغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر تور بەت ئايفوندىكى سىستېما يوچۇقىدىن پايدىلىنىپ، ئايفون ئىشلەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقا ئۇچۇر، شىفىر ۋە تۇرۇۋاتقان ئورنى قاتارلىق مۇھىم ئۇچۇرلىرىنى ئوغرىلاپ، خىتاي دائىرىلىرىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن. گەرچە ئالما شىركىتى بۇ يىل ئاپرېل ئېيىدا سىستېما يېڭىلاش ئارقىلىق بۇ يوچۇقنى ئېتىۋەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ يانفونلىرى ئاللىبۇرۇن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ بولغان.

خەۋەردە يەنە بىخەتەرلىك دەرىجىسى ئالمىدىن تۆۋەن بولغان ئاندروئىد ۋە ۋىندوۋس سىستېمىلىرىنىڭ تېخىمۇ ئاسان ھۇجۇمغا ئۇچرايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستانغا ساياھەتكە بارغانلارنىڭ ئاندروئىد سىستېمىلىق يانفونلىرىغا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ نازارەت قىلىدىغان ئەپلەرنى قاچىلايدىغانلىقى، ئالما تېلېفونلىرىغا بۇ خىل ئەپلەرنى قاچىلىيالمىسىمۇ، ئەمما تولۇق بىر قېتىم سىكەنلەپ، تەكشۈرۈپ چىقىدىغانلىقى بىدۈرۈلگەن.

خەۋەلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئالما شىركىتى بۇ ھەقتە تېخى ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەن.

بۇ خەۋەر 1176 قېتىم كۆرۈلدى
02/09/2019 14:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق