خىتاينىڭ كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرى ئاۋسترالىيەدە توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى

خىتاينىڭ كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرى ئاۋسترالىيەدە توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى

ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاۋسترالىيە مائارىپ مىنىستىرى دان تېھان 28-ئاۋغۇستتىكى باياناتىدا ئاۋسترالىيە بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، بىخەتەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرماقچى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
خەۋرلەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، 2018-يىلى 6-ئايدا خاككېرلار ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تورىغا ھۇجۇم قىلىپ، مەكتەپنىڭ 19 يىلدىن بۇيانقى مەخپىي ھۆججەتلىرىنى ئوغرىلىغان. مەزكۇر ھۆججەتلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ پاسپورتى، بانكا كارتا نومۇرى قاتارلىق مۇھىم ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
مائارىپ مىنىستىرى بۇ ھەقتە توختىلىپ، مەزكۇر خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئاساسلىقى تور بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش، شۇنداقلا ئالىي مەكتەپ ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ چەتئەل كۈچلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشىدىن ساقلىنىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
بۇندىن نەچچە كۈن بۇرۇن ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ياردىمىدە ئېچىلماقچى بولغان بىر نەچچە كۇڭزى ئىنستىتۇتى پىلانىنى توختىتىۋەتكەن ۋە بۇنىڭ خىتاينىڭ ئاۋسترالىيەگە، بولۇپمۇ مائارىپ ساھەسىگە سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. تەھلىلچىلەر كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ چەتئەلدىكى تەسىرى ۋە يۇمشاق كۈچىنى كۈچەيتىشتىكى قورالى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

بۇ خەۋەر 788 قېتىم كۆرۈلدى
30/08/2019 10:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق