ئامېرىكا شىركەتلىرى تىرامپنىڭ خىتايدىن ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجىنى كېچىكتۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى

ئامېرىكا شىركەتلىرى تىرامپنىڭ خىتايدىن ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجىنى كېچىكتۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى

ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ 160تىن ئارتۇق شىركەت-كارخانىلىرىدىن تەشكىللەنگەن سودا ئۇيۇشمىسى پىرېزىدېنت تىرامپقا مەكتۇپ يوللاپ، خىتايدىن ئېلىنىدىغان قوشۇمچە تاموژنا بېجىنى كېچىكتۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان.
تىرامپ بۇندىن بۇرۇن خىتاينىڭ 550 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى ماللىرىدىن قوشۇمچە تاموژنا بېجى ئالىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ بىر قىسمىنىڭ 1-ئۆكتەبىردىن، يەنە بىر قىسمىنىڭ 15-دېكابىردىن تارتىپ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى، 110 مىليارد دوللارلىق ماللىرىدىن ئېلىنىدىغان %15لىك قوشۇمچە تاموژنا بېجىنىڭ بولسا 1- سېنتەبىردىن تارتىپ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
بۇ قارار ئىجرا قىلىنىشقا نەچچە كۈنلا قالغان پەيتتە ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى 160تىن ئارتۇق شىركەت-كارخانىلاردىن تەشكىللەنگەن «ئامېرىكا ئەركىن سودا ئۇيۇشمىسى» ( Americans for Free Trade) تىرامپقا مەكتۇپ يوللاپ، بۇ قارارنىڭ ئىجرا قىلىش ۋاقتىنى كەينىگە سۈرۈشنى، ئەكسىچە بولغاندا پۇقرالارنىڭ بايراملىق مال سېتىۋېلىشىغا تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
تىرامپ ئالدىنقى كۈنلەردە سودا ئۇرۇشى ھەققىدە مۈجىمەل ئىپادە بىلدۈرگەن بولۇپ، خىتاي بىلەن بولغان سودا سۆھبىتىنى قايتا ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. ئەمما ئارقىدىنلا خىتايدىن باشتىلا تېخىمۇ كۆپ تاموژنا بېجى ئالمىغانلىقىغا پۇشايمان قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مۇتەخەسسىسلەر ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشىدىكى مۇقىمسىزلىقلارنىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادىغا بېسىم ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى، بۇ سەۋەبتىن تىرامپنىڭ كېلەر يىلى قايتا سايلىنىشىغا تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىنلىكىنى، ئەمما تىرامپنىڭ خىتايغا قارشى قاتتىق سىياسەت يۈرگۈزۈش ئارقىلىق قوللاشقا ئېرىشىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 624 قېتىم كۆرۈلدى
30/08/2019 10:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق