خىتاينىڭ جازا لاگېرىدىكىلەرنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىندى

خىتاينىڭ جازا لاگېرىدىكىلەرنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىندى
ئامېرىكىدىكى «پۇقرا كۈچى» ناملىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى تۈنۈگۈن ۋاشىنگتوندا دوكلات ئېلان قىلىپ، ئاتالمىش «تەربىيەلەش لاگېرى»غا سولانغان ئۇيغۇرلارنىڭ توقۇمىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىدىكى ھەقسىز ئەمگەك كۈچىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي دائىرىلىرى توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم-كېچەك ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى دېڭىز بويى رايونلىرىدىن شەرقىي تۈركىستانغا يۆتكىگەن. جازا لاگېرىغا قامالغان مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرلار توقۇمىچىلىق زاۋۇتلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان. بۇنىڭ نەتىجىسىدە شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلانغان بولۇپ، خىتاينىڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ %84 نى ئىگىلىگەن.
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى مۇئاۋىن رەئىسى خەن ليەنچاۋ بۇ ھەقتە توختىلىپ، بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قان-تەرى، ياشلىرى بەدىلىگە كەلگەنلىكىنى، شۇڭا شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان خىتاينىڭ پاختا توقۇلما بۇيۇملىرىنى سېتىۋالماسلىق كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق لايىھەسى تاشقى ئىشلار مۇدىرى لۇئىسا گىرېۋمۇ (Louisa Greve) بۇ ھەقتە توختىلىپ، ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرنى ۋە شىركەتلەرنى ئىمپورت قىلغان توقۇلما ماتېرىياللارنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتە قىلىشقا، خىتاينىڭ بۇ جىنايى قىلمىشىغا ياردەمدە بولماسلىققا چاقىرغان.
خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان توقۇلما مەھسۇلاتلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى چەتئەلدىكى داڭلىق كىيىم شىركەتلىرىگە سېتىپ بېرىدىغان بولۇپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قىلمىشلىرى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن بىر قىسىم شىركەتلەر خىتايدىن مال كىرگۈزۈشنى توختاتقان. ئەمما خىتاي زاۋۇت ئىسمىنى ئۆزگەرتىش، تارماق زاۋۇتلارنى ئېچىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق بۇ جىنايىي قىلمىشلىرىنى يوشۇرۇشقا تىرىشقان.

بۇ خەۋەر 1178 قېتىم كۆرۈلدى
23/08/2019 18:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق